باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى ساقچى تەرەپ بىر ئاپتوبۇستا يانچۇقچىلىق قىلىش دېلوسىنى پاش قىلدى، دېلوغا چېتىلىدىغان سومما38 مىڭ يۈەن

2015.12.23 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:22-دېكابر، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئاممىۋى قاتناش تارماق ئەترىتى ئوغرىلىق جىنايىتىگە مەركەزلىك زەربە بېرىش زىيارەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى كۈنلەردە، بۇ تارماق ئەترەت پەقەت بىر كۈن ۋاقىت ئىچىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى سوممىسى ئەڭ كۆپ بىر ئاپتوبۇستا ئوغرىلىق قىلىش دېلوسىنى پاش قىلدى، دېلوغا چېتىشلىق سوممىسى 38مىڭ يۈەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 18-دېكابر، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى زۇ XXدېلو مەلۇم قىلىپ، 153 - يول ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسىدا ئۆزىنىڭ 38مىڭ يۈرەن نەق پۇلىنى ئوغرا ئوغرىلىۋالغانلىقىنى ئېيتقان. دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ساقچىلار تەكشۈرۈشنى باشلىغان. ئۇدا 12 سائەت دېلو بېجىرىش ئارقىلىق، ساقچى تەرەپ 19-دېكابر ئۈرۈمچىدىكى بىر ئولتۇراق رايونى ئىچىدە ۋۇ XX قاتارلىق 4 نەپەر ئىلگىرىكى ئوغرىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن گاس-گاچا جىنايەت گۇماندارىنى ھارام پۇل بىلەن قولغا چۈشۈرگەن. سوراق قىلىش ئارقىلىق، 4 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنىڭ سىرتتىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ چاغاندىن ئىلگىرى مال سېتىۋېلىش يۇقىرى دولقۇنى مەزگىلىدە ئۇدا يانچۇقچىلىق قىلىشنى پىلانلىغانلىقى مەلۇم بولغان. نۆۋەتتە، بۇ 4 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنىڭ ھەممىسى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر