باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تور بېكىتىدە ئىككى بايرامدا سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى نازارەت قىلىش، پاش قىلىش مەخسۇس سەھىپىسى ئېچىلدى

2015.12.25 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:24-دېكابر، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2016 - يىللىق يېڭى يىل، چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە بۈگۈن« يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدە، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان مەسىلەرنى نازارەت قىلىش، پاش قىلىش مەخسۇس سەھىپىسى» ئېچىلدى. كەڭ تورداشلارنىڭ تور ۋە ئەپ دېتالى ئارقىلىق نازارەت قىلىپ پاش قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

  ئىگىلىنىشىچە، مەخسۇس سەھىپىدە«پاش قىلىمەن»دېگەن كۆزنەك تەسىس قىلىنغان بولۇپ كەڭ تورداشلارنىڭ بايرام مەزگىلىدە ئەتراپىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ ئىچىپ يۈرگەن، ساياھەت ۋە يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشقان، ھۆكۈمەت پۇلىغا يېڭى يىل ئاتكىرىتكىسى سېتىۋېلىپ سوۋغا قىلغان ۋە پوجاڭزا قاتارلىق يېڭى يىل سوۋغىتى سېتىۋلغان، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سوۋغات، سوۋغاتلىق پۇل، ئىستېمال كارتىسى قاتارلىق نەرسەلەرنى قوبۇل قىلغان، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي ئارامگاھغا كىرگەن قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە نازارەت قىلىش - پاش قىلىشنى قارشى ئالىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مەخسۇس سەھىپىنىڭ«ھەپتىدە بىر قېتىم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» پروگراممىسى2016-يىلى 7-يانۋاردىن باشلاپ، ئۇدا تۆت ھەپتە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپ مەسىلىلەرنى ئىسمىىنى ئاتاپ ئاشكارىلايدۇ. «تۆت خاھىش نازارەتچىلىكى» مەخسۇس سەھىپىسىدە داۋاملىق تىپىك مەسىلە ھەققىدە تەھلىل قىلىدۇ ۋە ئاگاھلاندۇرىدۇ.

  بۇنىڭدىن سىرت، مەخسۇس سەھىپىدە يەنە« تورداشلار سۆز قالدۇرۇش» كۆزنىكى تەسىس قىلىنغان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر