خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:23-دېكابر، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۇنمىڭ شەھىرى، چۈش سائەت 12ئەتراپىدا، يۈننەن ئۆلكىسى كۇنمىڭ لوڭچۈەن يولىغا جايلاشقان يۈننەن ئۆلكىسى پاراۋانلىق لاتارىيىسى تارقىتىش مەركىزى يۈننەن لاتارېيە بازىرى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ مۇكاپاتىنىڭ ساھىبىنى نەق مەيداندا كۈتۈۋالدى، بۇ زور مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى بىر ياشانغان لاتارىيە ھەۋەسكارى بولۇپ يۈننەن ئۆلكىسى جاۋتۇڭ شەھىرىدىن كەلگەن. يۈننەن ئۆلكىسى جاۋتۇڭ شەھىرىدەبارلىققا كەلگەن بۇ 110 مىليونلۇق زور مۇكاپات قوش رەڭلىك توپ تارىخىدىكى 20-قېتىملىق يۈز مىليون يۈەنلىك مۇكاپات، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتتىكى لاتارېيە بازىرىدىكى 31 –قېتىملىق يۈز مىليون يۈەنلىك زور مۇكاپات بولۇپ قالدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى