باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەلىك كۈتۈبخانا «مۇنەۋۋەر ئوقۇرمەنلەر» سۆھبەت يىغىنى چاقىردى

2015.12.21 10:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمىرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) ئاۋات ناھىيەلىك كۈتۈبخانا 12-ئاينىڭ 18-كۈنى 50 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇرمەننى تەكلىپ قىلىپ، 2015-يىللىق «مۇنەۋۋەر ئوقۇرمەنلەر» سۆھبەت يىغىنى چاقىردى. سۆھبەت يىغىنىدا ئالدى بىلەن ئاۋات ناھىيەلىك كۇتۇپخانىنىڭ 2015-يىللىق خىزمەتلىرى قىسقىچە خۇلاسە قىلىندى. ئاندىن ھەر مىللەت ئوقۇرمەنلىرىدىن كۈتۈپخانا باشقۇرۇش، ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، خىزمەت ئۇسۇلىنى ياخشىلاش، ھەقسىز كىتاب ئارىيەت بېرىش، دېھقانلار كۈتۈبخانىلىرى بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىش، گېزىت-ژورناللارغا مۇشتەرى بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن پىكىر ئالدى.

  ئوقۇرمەنلەر ۋەكىلى ئاۋات بازارلىق مائارىپ ئىشخانىسىنىڭ پېنسىيونىرى ئېلى ئىبراھىم مۇنداق دېدى: مېنىڭ پېنسىيەگە چىققىنىمغا 15 يىل بولدى. 15 يىل جەريانىدا كىتاب ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇش ئارقىلىق مەنىۋىي تۇرمۇشۇمنى بېيىتىپ كەلدىم. 15 يىل جەريانىدا ئوقۇغان كىتابلىرىمدىن 1000 بەتتىن ئارتۇق تەسىرات ماقالىسى يازدىم. ھازىر كىتابسىز تۇرمۇشنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. كىتاب مېنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرايىم بولۇپ كەلدى.

  يېڭىئېرىق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گۈلزار قاسىم مۇنداق دېدى: مەن كىچىك چاغلىرىدىمدىن كىتاب ئوقۇشقا خۇمار ئىدىم. بالىلىق چاغلىرىمدا ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر رومانلىرىدىن «سۇ بويىدا»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»، «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» قاتارلىقلارنى، ھازىرقى زامان رومانلىرىدىن «تۈن يانغاندا»، «گاۋيۈباۋ»...قاتارلىقلارنى، ئۇيغۇر رومانلىرىدىن «قۇم باسقان شەھەر»، «ئانا يۇرت»، «سالچىلار»نى، ئۆزبېك رومانلىرىدىن «مېھرابتىن چايان»، «ئۆتكەن كۈنلەر»، «ئوقۇتقۇچى»، «بوتا كۆز» رومانلىرىنى ئوقۇپ چىقتىم. يەنە ھەر خىل ژانىردىكى كىتاب-ژۇرناللارنى داۋاملىق ئوقۇپ مەنىۋىي تۇرمۇشۇمنى بېيىتىپ كېلىۋاتىمەن. كىتاپ مېنىڭ تەقدىرىمنى ئۆزگەرتتى، تۇرمۇشغا يېڭىلىق ئاتا قىلدى، غەيرىتىمگە غەيرەت قوشتى. بالىلىرىمنى ياراملىق سېتۇدېنلاردىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشىمغا تۈرتكە بولدى.

  يىغىن ئاخىردا، «مۇنەۋۋەر ئوقۇرمەنلەر» تەقدىرلەندى. 2016-يىللىق شىنخۇا كىتابخانىسى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈلىدىغان ئېتىبار باھالىق كىتاب سېتىش پائالىيەتلىرىدىن ئۇچۇرلار بېرىلدى. «مۇنەۋۋەر ئوقۇرمەنلەر» ئىچىدىن 7 نەپەر ئوقۇرمەنگە يېڭىدىن نەشر قىلىنغان 15 پارچە كىتاب سوۋغا قىلىندى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر