قىش كۈنلىرىدىكى شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرى قارغا پۈركەندى، دېھقان چارۋىچىلارمۇ مول ھوسۇلدىن كېيىن «قىشلىق ئۆچەككە كىردى». بىراق «شىنجاڭدىكى بىرىنچى كەنت» دەپ ئاتالغان لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ يېزىسى داشى كەنتىنىڭ ئېلېكترونلۇق سودا ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەش بازىسىنىڭ دەرسخانىسى كېلىپ ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە قوش تىللىق ئېلېكترونلۇق سودا كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان دېھقانلار بىلەن لىق تولدى. ئۇلار كومپىيوتېردا دىققەت بىلەن تور دۇكىنى ئېچىپ، تاۋارلارنى كۆرۈپ، ئەستايىدىللىق بىلەن نۇسخا تاۋارلارنى قوشماقتا. دوپپىسىنى قاملاشتۇرۇپ كىيگەن ساۋۇر مەڭلىك شۇجى دائىم دەرسخانىنىڭ ئارقا ئىشىكىدىن كىرىپ چۆگىلەپ چىقىدۇ، ئۇ ياشلارنىڭ كەنتتىكىلەر پىشۇرغان كىچىك ماي توقاچ، ياۋا لوپنۇر چېيى، ئۆزلىرى باققان لوپنۇر قويى گۆشىدىن قىلىنغان كاۋاپلارنى تورغا چىقارغىنىنى قىزىقىپ كۆرىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى