خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شېنجېن شەھىرىنىڭ گۇاڭمىڭ يېڭى رايونى سۇمۇرغ مەھەللىسىدىكى خېڭتەييۈ سانائەت رايونىدا 20-دېكابىر سائەت 11دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، شۇ ئەتراپتىكى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى پارتلاپ، 33 ئىمارەت ۋەيران بولدى، 59 كىشى بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى.
ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دەرھال مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ۋە شېنجېن شەھىرىدىن دەرھال كۈچ تەشكىللەپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قاپسىلىپ قالغانلارنى تېزدىن قۇتقۇزۇپ، تالاپەتنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش، يارىلانغانلارنى داۋالاش، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەسەللىي بېرىش قاتارلىق ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى، ئىلمىي قۇتقۇزۇشقا دىققەت قىلىپ، ئەگەشمە ئاپەت يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ يەنە مەركەزدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن يەرلىكنىڭ تۈرلۈك ئاپەت ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئالدىن پىلانلاپ، سىگنال بېرىش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، ئەھۋالنى تەپسىلىي ئېنىقلاپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشكىللەپ، يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن داۋالاپ، تالاپەتنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشنى، ئەتراپتىكى بىخەتەرلىككە چېتىلىدىغان يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ، ئەگەشمە ئاپەت يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىللە، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ يەنە دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلاردىن خادىم ئەۋەتىپ، يەرلىكنىڭ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى )
مەنبە: خەلق تورى