خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (باي ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسىدىن قۇربان مولنىياز خەۋىرى، فوتوسى) يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باي ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش تارىخىي ماتېرىياللار خىزمىتىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىۋىي قىسمى قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، تارىخ ماتېريال تۈزۈش، نەشىر قىلىش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بەردى. ھازىرغا قەدەر «باي تارىخ ماتېرياللىرى» مەجمۇئەسىنىڭ ئۇيغۇرچىسى 8 توم، خەنزۇچىسى 4 توم نەشىر قىلىنغاندىن سىرت، «باي ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش تەزكىرىسى» نەشىر قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
مەنبە: خەلق تورى