باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە دائىر بەش تىپىك دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2015.12.21 13:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلماسلىق ياكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچلۈك ئادا قىلماسلىققا ئائىت بەش دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. بۇ بەش تىپىك دېلو تۆۋەندىكىچە:

  تېكەس ناھىيەلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى باقىت ۋە پارتگۇرۇپپا ئەزاسى، ئىدارە باشلىقى ۋاڭ ۋېنچى قول ئاستىدىكىلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش مەسىلىسى سەۋەبىدىن مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلدى. تېكەس ناھىيەلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ياڭ مىڭخۇا قاتارلىقلار دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش تۈرلىرىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرماي، ئۇرۇقلۇق، دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيەۋى ئوغۇت، قورال - جابدۇق قاتارلىق نۇرغۇن ماددىي ئەشيانىڭ بېسىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە ئېغىر دەخلى - تەرۇز قىلغان. باقىت ۋە ۋاڭ ۋېنچى يۇقىرىقى ۋەقەدە سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلمىغاچقا، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ تەنقىدلەندى.

  سانجى شەھىرى دۆلەت قۇرۇش يولى كوچا پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خەن جۈن قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئومۇمنىڭ پۇلىغا سەيلە - ساياھەت قىلىش مەسىلىسى سەۋەبىدىن مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلدى. 2014 - يىلى 10 - ئاي ۋە 12 - ئايدا، دۆلەت قۇرۇش يولى كوچا پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ قىسمەن رەھبەرلىرى ئىش باشقارمىسى، پونكىت، ئورۇن، كەنت، مەھەللە كادىرلىرىنى باشلاپ فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ چۈەنجۇ شەھىرىگە بېرىپ ئېكسكورسىيە ۋە ئۆگىنىشتە بولغان مەزگىلدە، چېڭدۇ، جيۇجەيگۇ، بېيخەي، كۇنمىڭ قاتارلىق جايلاردا ئومۇمنىڭ پۇلىغا سەيلە - ساياھەت قىلغان. سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى كۈچلۈك ئادا قىلمىغاچقا، خەن جۈنگە پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  پىچان ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى چېن شۈەي نامراتلارنى يۆلەش، قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىلىدىغان مەخسۇس پۇل ۋە ماللارنى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرمىغاچقا مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلدى. 2013 - يىلىدىن 2014 - يىلىنىڭ باشلىرىغىچە، پىچان ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ساختا ئۇن سېتىۋېلىپ، يېزا - بازارلاردىكى نامراتلارنى يۆلەش، قۇتقۇزۇش نۇقتىلىرىغا تارقىتىپ بېرىپ، كوللېكتىپنىڭ مال - مۈلكىگە خېلى زور زىيان سېلىپ، جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلغان. چېن شۈەي سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا كۈچىمىگەچكە، ئۇنىڭغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  قۇمۇل ۋىلايەتلىك 2 - خەلق دوختۇرخانىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى شاڭ جيەنرەن، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سەي دۇڭلىن ۋە رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى دوختۇرخانىدىكى نۇرغۇن دوختۇر، سېسترانىڭ چىرىكلىشىش دېلوسى سەۋەبىدىن مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلدى. 2009 - يىلىدىن 2015 - يىلىغىچە، قۇمۇل ۋىلايەتلىك 2 - دوختۇرخانىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم قانۇن - ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش دېلوسى يۈز بەرگەن. سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى كۈچلۈك ئادا قىلمىغاچقا، دوختۇرخانا پارتكومى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ تەنقىدلەندى، شاڭ جيەنرەنگە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى؛ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچلۈك ئادا قىلمىغاچقا، سەي دۇڭلىنغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى؛ «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت» تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئادا قىلمىغاچقا، دوختۇرخانا پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دوختۇرخانا باشلىقى جاڭ چىنجيەن ۋە پارتكوم ئەزاسى، دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ لىپىڭ، پارتكوم ئەزاسى، دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى بو بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى.

  يەكەن ناھىيەسى قاراسۇ يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى شى جىنيى(مۇئاۋىن ھاكىم دەرىجىلىك) بۇ يېزىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار كۆپ قېتىم توپلىشىپ قىمار ئويناش سەۋەبىدىن مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلدى. 2014 - يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، بۇ يېزىدىكى 13 پارتىيەلىك كادىر شىشىخال ۋە قارت بىلەن كۆپ قېتىم قىمار ئوينىغان. شى جىنيى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى كۈچلۈك ئادا قىلمىغاچقا، پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار بۇ دېلولاردىن ھەقىقىي ساۋاق ۋە ئىبرەت ئېلىشى كېرەك. «ئىككى مەسئۇلىيەت»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىش ئورنىدا مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىشنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتىكى تۈپ تەدبىر قىلىپ، «پارتىيە نىزامنامىسى» ھەم يېڭىدىن تۈزىتىلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك، تەلەپچان بولۇش مىزانى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى دائىملىق باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، نازارەت قىلىش ۋە ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»تىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشتە ئىنتىزامنى ئاساس قىلىپ، ئاز ساندىكىلەرنى باشقۇرۇشتىن تېخىمۇ كۆپ ساندىكىلەرنى باشقۇرۇشقا، «قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارغا دىققەت قىلىش»تىن «ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارغا دىققەت قىلىش»قا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، بالدۇر بايقاپ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ مەسئولىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدە ۋە تەشكىلىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان، «تۆت خائىش» مەسىلىسى گەۋدىلىك ساقلانغان، رايون، سىستېما خاراكتېرلىك چىرىكلىشىش ئەھۋالى يۈز بەرگەن، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش ئەھۋالى كۆپ كۆرۈلگەن، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك ھەم مەسىلە بايقالغان بولسىمۇ دوكلات قىلمىغان، دېلونى بېسىپ قويۇپ تەكشۈرمىگەن رايون ۋە ئورۇنلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، كوللېكتىپ مەسئۇلىيەت بىلەن شەخسىي مەسئۇلىيەتنى، ئاساسلىق رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى بىلەن مۇھىم رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق ئايرىپ، مەسئۇلىيەتنى ئىنتىزام ۋە بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئىسمى بىلەن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاش كېرەك. بولۇپمۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش كۈرىشىدە قىسمەن پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ بايرىقى روشەن، پوزىتسىيەسى قەتئىي بولماسلىق مەسىلىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، ئۇنداقلارغا ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر