خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 15-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئىتالىيەلىك فوتوگراف رېگگو ئەمىلىيادىكى 46ياشلىق فوتوگراف روبېرت ئالدروۋاندى بىر كۈنى سەھەردە ئاپپارات كۆزىنى گۈل بەرگىدە تۇرغان يىڭناغۇچلارغا توغرىلاپ، ئۇلارنىڭ يۇمىلاق كۆزلىرىنى ئاپپاراتقا تىكىپ تۇرغان ھالىتىنى سۆرەتكە تارتىۋالدى. يىڭناغۇچلار خۇددىي بايىلا ئويغانغاندەك، گاھى كىشىلەر بىلەن سالاملىشىۋاتقاندەك، قارىماققا ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىدى. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى