باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىشنى ئاشكارىلىغانلىقىغا قاتتىق قارشى تۇردى

2015.12.17 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 16-دېكابىر تەيۋەنگە 1 مىليارد 830 مىليون دوللار قىممىتىدىكى قورال-ياراغ سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جېن زېگۇاڭ بۇيرۇققا بىنائەن ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالەتچىسى لى كەيئەننى چاقىرتىپ، ئامېرىكا بىلەن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  جېن زېگۇاڭ مۇنداق دېدى: تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىشى خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا، جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ ئۈچ قوشما ئاخبارات پرىنسىپىغا ئېغىر خىلاپ ئىش، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىشىغا قاتناشقان كارخانىلارنى جازالاش قاتارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى قارار قىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر