باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەر «قۇتبىلىك كۇتۇپخانىسى» ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى(1)

2015.12.17 13:46   مەنبە: خەلق تورى

قەشقەر «قۇتبىلىك كۇتۇپخانىسى» ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارى مۇخبىرلىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى، ئابلاجان بوۋاقى خەۋىرى، فوتوسى: 16- دېكابىر، قەدىمىي مەدەنىيەت بۆشۈكى ۋە ئىلىم مەرىپەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ئەزىزانە قەشقەرنىڭ ئەڭ ئاۋات كوچىسى بولغان ئارقا ئوردا كوچىسى دوقمۇشىغا جايلاشقان قەشقەر «قۇتبىلىك كۇتۇپخانىسى» يەنە بىر قېتىم خۇشاللىققا تولدى. بۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 9:30 دە، بۇ كۇتۇپخانىدا «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى» ئېلىپ بېرىلدى. بۇ يېقىندا بۇ كۈتۈپخانىدا ئېلىپ بېرىلغان «دىھقانلار كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى»، «باغۋەنلەر كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى»دىن كېيىن تەشكىللەنگەن يەنە بىر قېتىملىق ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇ پائالىيەتنى شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «كاشغەر مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى تەھرىراتى بىلەن قەشقەر «قۇتبىلىك كۇتۇپخانىسى» بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. پائالىيەتكە بۇ ئەزىزانە ماكاندىكى ئابلىز ئۆمەر ئەنجانىي، ئابدۇرېھىم سابىت قاراخان، تۇرسۇن نىياز، ئۆمەر ئوسمان شىپايىتېكىن، ئوسمان مۇھەممەد قاراقۇتلۇق، زەيدىنجان مامۇت، ئابلاجان بوۋاقى، ئادىلجان ئابدۇقادىر، ئەسقەر ئەھمىدى، ئابدۇكېرىمجان ياقۇپ...قاتارلىق مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقاتچىلىرى، شائىر-يازغۇچىلار، ئەدەبىي تەرجىمانلار، ئوسمان نىياز ھاجىم، ئابلىز ھاجىم، ئىبراھىم سەمەن، ئىمىنجان بۇغرا، ئابلىكىم ھاجىم، تۇداجىم قاتارلىق مۇشۇ كۇتۇپخانىنى قۇرۇش ئۈچۈن مەبلەغ ۋە كۈچ چىقارغان ساخەۋەتچى كارخانىچىلار ۋەكىللىرى، ھەرقايسى يېزا-بازار، كوچا باشقارمىلاردىكى بىرلىكسەپ دىن ئىشلىرى كادىرلىرى، ۋەتەنپەرۋەر دىني زات ۋەكىللىرى بولۇپ 100 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى.

  پائالىيەتتە كىتابنىڭ ھەممىدىن مۇھىملىقىنى، ئۇنىڭ دۆلەت، مىللەت ۋە تەبىقە ئايرىمايدىغانلىقىنى، مەدەنىيەتلىك، بىلىملىك خەلق بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ۋە چوقۇم ياخشى كىتابلارنى ئوقۇشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئوتتۇرۇغا قويۇلدى، ھەممىمىزنىڭ پەقەت ۋە پەقەت كىتاب ئوقۇش ئارقىلىقلا ئۆزىمىزنى چۈشىنىپ، دۇنياغا يۈزلىنىپ، روھىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ئەۋلادلارغا ھەقىقىي نەپ بېرىپ، كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە تەربىيەلەپ چىقىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشانغا يېتەلەيدىغانلىقىمىزنى قەيت قىلىنىپ، كىتابقا بولغان مېھرىمىز ۋە ئەتىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى. پائالىيەت داۋامىدا مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئوسمان مۇھەممىدى قاراقۇتلۇق، شىنجاڭ «سەمەن» گورۇھىنىڭ لىدىرى ئىبراھىم سەمەن، شىنجاڭ «بۇغرا» ئۆي-مۈلۈك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى ئىمىنجان بۇغرا، قەشقەر شەھىرى ياۋاغ كوچا باشقارمىسى بەختباغ مەھەللە مەسچىتىنىڭ خاتىپى ئابدۇغېنى قارىھاجىم، قەشقەر شەھىرى قۇمدەرۋازا كوچا باشقارما غەزىنىچىبەگ كوچىسى مەسچىتىنىڭ خاتىپى ئادىلجان قارىم، نەزەرباغ بازىرى توققۇزتاش مەسچىتىنىڭ خاتىپى ئەھمەدجان قارىم قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ بۈگۈنكى پائالىيەتتىن ئالغان تەسىراتلىرى ۋە كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى سۆزلەپ ئۆتتى. كۇتۇپخانا قۇرغۇچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى كۆپچىلىككە «قەشقەر ‹ قۇتبىلىك كۇتۇپخانىسى› ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى» دېگەن خەت بېسىلغان خاتىرە سومكا ۋە بىر پارچىدىن كىتاب تەقدىم قىلدى.

  سۈرەتتە: پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر

  مەنبە: خەلق تورى


【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئېلىمىز مائارىپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى دۇنيانىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتارىغا ئۆتتى
      ·جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى (بېيجىڭ)نىڭ قاراماي مەكتەپ رايونى قۇرۇلدى
      ·ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ كېلىش بىخەتەرلىكى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ
      ·10 ئۆلكە شەھەر جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسپىي مائارىپىغا ياردەم قىلدۇ
      ·شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېدا ئوقۇشنى خالايدىغانلار ھازىردىن باشلاپ توردا تىزىملاتسا بولىدۇ
      ·شىنجاڭ يەسلى بالىلىرى ئوقۇش رويخېتىنى بىر تۇتاش تۇرغۇزىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى قەرەللىك تىزىملاش تۈزۈمى 2016-يىلىد…
      ·ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختاپ ئىگىلىك تىكلەشكە بولىدۇ
      ·« 13 -بەش يىل» مەزگىلىدە مېيىپ ئوقۇغۇچىلار 12 يىللىق ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولىدۇ 
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كىلەر يىلى 23- يانۋار قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىل…