باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

دۆلەت خىزمەتچىلىرى مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىشىپ، قۇرۇق تالاش-تارتىش قىلسا نازارەت ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىشقا بولىدۇ

تارماقلار ئارا خىزمەتكە ماسلاشماسلىق قاتارلىق 11 تۈرلۈك قىلمىش مەلۇم قىلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

2015.12.17 17:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆنۈگۈن بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بەنگوڭتىڭى «بېيجىڭ شەھىرىدىكى دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ مەمۇرىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنىڭ يىپ ئۇچىنى نازارەت ئورگانلىرىغا يوللاش چارىسى» (تۆۋەندە «چارە» دەپ قىسقارتىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، تارماقلار ئارا ماسلىشىش خىزمىتىنى قوللىماسلىق، مەمۇرىي ئىجراغا توسقۇنلۇق قىلىش، قائىدىگە خىلاپ ھالدا تەستىقلاش تۈرلىرى تەسىس قىلىش، مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىشىپ، قۇرۇق تالاش-تارتىش قىلىش، يۈتۈۋېلىش، ئېلىۋېلىش، قىسىۋېلىش، تەلەپ قىلىش قاتارلىق مەمۇرىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق 11 تۈرلۈك قىلمىشنى ئايدىڭلاشتۇردى، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى يوق بولغان ئىشلارنى نازارەت ئورگانلىرىغا يوللاش لازىم.

  «چارە» چەكلەپ تۇرىدىغان ئاساسلىق كىشىلەر توپى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى، دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرى تەيىنلىگەن باشقا خادىملار، قانۇن-قائىدىلەر ھوقۇق بەرگەن ئاممىۋىي ئىشلارنى باشقۇرۇش فۇنكىسسىسيەسىگە ئىگە تەشكىلاتلار ۋە ئۇنىڭدا ئاممىۋىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خادىملار، دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرى قانۇن بويىچە ھاۋالە قىلغان ئاممىۋىي ئىشلارنى باشقۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەشكىلات ۋە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملا «چارە»نىڭ چەكلەش دائىرىسى ئىچىدە.

  تۆۋەندىكى مەمۇرىي ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى نازارەت ئورگانلىرىغا يوللاشقا بولىدۇ:

  ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق خىزمەتلەردە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار ياكى ۋەزىپىسىنى جايىدا ئادا قىلىشى يېتەرلىك بولمىغانلار؛

  ھۆكۈمەت بېكىتكەن تارماقلار ئارا قانۇن-قائىدە بويىچە ئۆز ئارا قوللاش- ھەمكارلىشىش كېرەك بولغان ئىشلاردا قوللىمىغان، ھەمكارلاشمىغانلار؛

  مەمۇرىي ئىجرا مەسئۇلىيىتىدىكى ھوقۇق دائىرىسى ۋە ئاساسى بويىچە ئىجرا قىلمىغانلار ياكى مەمۇرىي ئىجرا تەرتىپىگە خىلاپ ھالدا قانۇن ئىجرا قىلغانلار؛

  نورمال مەمۇرىي ئىجرا خىزمىتىگە ماسلاشمىغان ھەتتا توسقۇنلۇق قىلغانلار؛

  مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرى ئومۇمىي تىزىملىكىنى ئىجرا قىلمىغان، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى تەسىس قىلغانلار ھەمدە بىكار قىلىنىپ بولغان ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىگە قارىتا شەكلى ئۆزگەرگەن تەستىقلاش تەسىس قىلغانلار ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى، شارائىتى ۋە تەرتىپىگە خىلاپ ھالدا مەمۇرىي تەستىقلاش ئېلىپ بارغانلار؛

  خىزمەت پوزىتسىيەسى ناچار ھەمدە كۆز بويامچىلىق قىلىدىغان، مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىشىپ، قۇرۇق تالاش-تارتىش قىلغانلار، ھورۇنلۇق-سۆرەلمىلىك قىلغانلار، يۈتۈۋېلىش، ئېلىۋېلىش، قىسىۋېلىش، تەلەپ قىلىش قاتارلىق ناتوغرا قىلمىشلار مەسىلىسى بارلار؛

  ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش، خېرىدار چاقىرىش، مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى باشقۇرۇش قاتارلىق مالىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق قىلمىش سادىر قىلغانلار. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر