باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە 20 - دېكابىردىن باشلاپ زاپاس كۆكتات بازارغا سېلىنىدۇ

2015.12.18 13:50         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خالىدە ئوبۇل، پراكتىكانت رازىيە ئابلەتنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، قىش پەسلىدە، ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەرنىڭ كۆكتات ئىستېمال قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى 20 - دېكابىردىن كېلەر يىلى 15 - مارتقىچە زاپاس كۆكتاتنى بازارغا سالىدىكەن. بازارغا سېلىش ۋاقتى 80 كۈن بولۇپ، بۇ زاپاس كۆكتاتلار ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 527 مەھەللىنىڭ كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدا سېتىلىدىكەن. بازارغا سېلىنىدىغان بۇ زاپاس كۆكتات يېسسىۋېلەك، بەرەڭگە، سەۋزە، كۆك تۇرۇب، كاۋا، باش پىياز، كۆك كاۋا قاتارلىق يەتتە خىل كۆكتاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  ئۇقۇشىمىزچە، ئۈرۈمچى شەھىرى زاپاس كۆكتاتنىڭ بازارغا سېلىنىش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇش، باھا ئۆزگىرىش قاتارلىق ئامىللارنى كۆزدە تۇتۇپ، باھانى چەكلەشتەك تەدبىرنى يولغا قويىدىكەن. زاپاس كۆكتاتلارنى بازارغا سېلىش مەزگىلىدە، كۆكتاتنىڭ باھاسى ھۆكۈمەتنىڭ ئاشكارا باھاسىدىن يۇقىرى بولمايدىكەن، يەنى يېسسىۋېلەكنىڭ ھەر كىلوسى 1 يۈەندىن، بەرەڭگىنىڭ 1.8 يۈەندىن، سەۋزىنىڭ 1.8 يۈەندىن، كۆك تۇرۇبنىڭ 1.1 يۈەندىن، باش پىيازنىڭ 1.9 يۈەندىن، كۆك كاۋىنىڭ 1.4 يۈەندىن، كاۋىنىڭ 1.6 يۈەندىن ئاشمايدىكەن. ھەر بىر شەھەر ئاھالىسى ھەر قېتىمدا ئون كىلوگىرام زاپاس كۆكتات سېتىۋالسا بولىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر