باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ بىلەن مېدۋېدېۋ بىرلىكتە جۇڭگو-روسىيە زۇڭلىلىرىنىڭ 20-قېتىملىق قەرەللىك ئۇچرىشىشىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

جۇڭگو-روسىيەنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

2015.12.18 15:29   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو-روسىيەنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 17-دېكابىر چۈشتىن كېيىن «خەلق» سارىيىدا روسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-روسىيە زۇڭلىلىرىنىڭ 20-قېتىملىق قەرەللىك ئۇچرىشىشىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن روسىيە ئوخشاشلا بازىرى يېڭىدىن گۈللەنگەن دۆلەتلەر، ۋە ئەڭ چوڭ قوشنا دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، رايون شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو روسىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىدا روسىيە بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ۋە ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشنى ھەم رايون ۋە دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: خەلقئارا سىياسەت، ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە مۇھىتى مۇرەككەپ ئۆزگىرىۋاتقان، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىۋاتقان تاۋارلارنىڭ باھاسى چۈشۈۋاتقان، ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر تەرەققىياتىنىڭ ئاستىلاپ قېلىشىدەك بېسىمنىڭ ئېشىشى بىلەن، جۇڭگو روسىيە بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئۆز ئارا مەبلەغ سېلىپ بىر-بىرىگە تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە جابدۇق ياسىمىچىلىقى ھەمكارلىقىنى يېڭى ئېشىش نۇقتىسى قىلىپ، نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىشنى قولايلىقلاشتۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، ئاۋىئاتسىيە، ئالەم قاتنىشى، يېزا ئىگىلىك، ھەربىي تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-روسىيەنىڭ كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. نېفىت چارلاش، ئېچىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش تەرەققىياتى، ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش، «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025» بىلەن روسىيەنىڭ «يېڭىلىق يارىتىشتىكى 2020-يىللىق ئىستراتېگىيە»سىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋە ئىجادىيەتلىك ھەمكارلىقنى زور كۈچى بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگو-روسىيە يېڭىلىق يارىتىش سۆھبىتىنى بالدۇرراق باشلاپ، يېڭى ھەمكارلىق ئەندىزىسى ئورنىتىش ھەققىدە ئىزدىنىشى كېرەك. جۇڭگو-روسىيەنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-روسىيە ياشلار دوستلۇق ئالاقە يىلى ئاساسىدا، جۇڭگو-روسىيە تاراتقۇ ئالاقە يىلىنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۈنسېرى گەۋدىلىنىۋاتقان ئەنئەنىۋى ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى بىخەتەرلىك تەھدىتىگە قارىتا، جۇڭگو روسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە رىقابەتلەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە ئامانلىقىنى قوغداپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكىدىن ماۋزېدۇڭ، لۇ شۈن قاتارلىقلارنىڭ ت…
      ·ئېلىمىز مائارىپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى دۇنيانىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتارىغا ئۆتتى
      ·جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى (بېيجىڭ)نىڭ قاراماي مەكتەپ رايونى قۇرۇلدى
      ·ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ كېلىش بىخەتەرلىكى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ
      ·10 ئۆلكە شەھەر جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسپىي مائارىپىغا ياردەم قىلدۇ
      ·شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېدا ئوقۇشنى خالايدىغانلار ھازىردىن باشلاپ توردا تىزىملاتسا بولىدۇ
      ·شىنجاڭ يەسلى بالىلىرى ئوقۇش رويخېتىنى بىر تۇتاش تۇرغۇزىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى قەرەللىك تىزىملاش تۈزۈمى 2016-يىلىد…
      ·ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختاپ ئىگىلىك تىكلەشكە بولىدۇ
      ·« 13 -بەش يىل» مەزگىلىدە مېيىپ ئوقۇغۇچىلار 12 يىللىق ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولىدۇ