باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭلىسى مەسىمۇف بىلەن كۆرۈشتى

2015.12.18 09:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16- دېكابىر جېجياڭنىڭ ۋۇجىندا قازاقىستان زۇڭلىسى مەسىموف بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن مۇنداق دېدى: بۈگۈن قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنى ، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن قازاقىستان خەلقنى بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەيمەن. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلغان بىر يىل، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ناھايىتى كۆپ يارقىن نۇقتىلارغا ۋە نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ھەمكارلىقى پۇختا ئاساسقا ۋە غايەت زور تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە. ئىككى تەرەپ يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلبېغى قۇرۇلۇشى بىلەن نۇرلۇق يول تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەت بىرىكمىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك . كەسپى ئىقتىدار ھەمكارلىقىنى ياخشى ئىلىپ بېرىپ، كېڭىشىپ بېكىتىلگەن ھەمكارلىق تۈرلىرىنى تىزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك . ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك . جۇڭگو- جۇڭگو قازاقىستان ليەنيۈنگاڭ پورتى خەلقئارا ئوبوروت ھەمكارلىق بازىسى بىلەن قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى قۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ. قازاقىستاننىڭ قاتناش ئۇل ئەسلە قۇرۇلۇش تۈرىگە پائال قاتنىشىدۇ. بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۇچ خىل كۈچلەرگە ، زەھەر ئەتكەسچىلىكى ۋە قۇرال ياراق ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق دۆلەت ھالقىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە بىرلىكتە زەربە بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ رايون ئىچىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان كۆپ تەرەپلىك بىخەتەرلىك ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشى كېرەك .

  مەسىمۇف مۇنداق دېدى: قازاقىستان يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلباغ رايونى قۇرۇلۇشى تەشەببۇسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ. قازاقىستان نۇرلۇق يولى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنى بىلەن تۇتاشتۇرماقچى، ھەمدە بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد سودا، كەسپى ئىقتىدار ۋە ئۇل ئەسلە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ. قازاقىستان، جۇڭگونىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر