باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مىڭ جيەنجۇ قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى شېجىزبايوف بىلەن كۆرۈشتى

2015.12.18 09:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مىڭ جيەنجۇ تۈنۈگۈن دىياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى شېجىزبايوف بىلەن كۆرۈشتى.

  مىڭ جيەنجۇ مۇنداق دېدى:ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئىستىراتىگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ساغلام تەرەققىي قىلدى، جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستان بىلەن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق كېلىشىمنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغىنى بىرلىكتە قۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، بىخەتەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ۋە رايونلارنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  شېجىزبايوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش قاتارلىق ساھەلەردە جۇڭگو بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەر ۋە مۇقىملىقىنى بىللە قوغداشنى خالايمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر