باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن مۇخبىرلار يىغىنى ئېچىپ، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ۋە تاشقى مۇناسىۋەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى

2015.12.18 13:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن تۈنۈگۈن موسكىۋادا مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئىقتىسادىي كىرىزىسىنىڭ ئەڭ يامان ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى، ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتى ئاساسەن قانائەتلىنەرلىك بولدى. ئۇ يەنە: رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتىكى مەيدانى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، دېدى.

  پۇتىن تۈنۈگۈن چوڭ تىپتىكى يىللىق مۇخبىرلار يىغىنى ئېچىپ، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادى، ئىچكى ئىشلار ۋە دىپلوماتىيە قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىدىن شۇ ئايان بولدىكى، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادى ۋەزىيىتىدە بۇ يىل 2-پەسىلدىن باشلاپ مۇقىملىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى. رۇسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 9-ئايدا %0.3، 10-ئايدا %0.1 ئاشتى. رۇسىيەنىڭ تاشقى قەرزى 2014-يىلىدىكىدىن %13 ئازىيىپ، مەبلەغنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىش ئەھۋالى سەل پەسەيدى. رۇسىيەنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرى مۇقىملاشماقتا، ئىشسىزلىق نىسبىتى %5.6 ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر