باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەللەردىكى ئەرباپلار: ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق

2015.12.21 13:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 16-دېكابىر پارلامىنتقا تەيۋەنگە 1 مىليارد 830 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق قورال-ياراغ ۋە جابدۇق سېتىپ بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. چەتئەللەردىكى ئەرباپلار: ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق، بۇ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ شۇنداقلا ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىغا ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، دەپ قارىدى. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنىستىتوتى خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقاتخانىسىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى كىنسوف مۇنداق دېدى: ھەر قانداق تەيۋەنگە قورال ياراغ ۋە قورال-جابدۇق توشۇش قىلمىشى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق ھېسابلىنىدۇ. پۈتكۈل دۇنيا، جۈملىدىن ئامېرىكىنىڭ «تەيۋەننىڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكى» گە بولغان مەيدانى ئېنىق. ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشى رايوننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئامېرىكا ۋاشىنگتون جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋۇ خۇيچيۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشى كونا مەسىلە، شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، مەيلى قانچىلىك قورال-ياراغ سېتىپ بەرسۇن، قانداق قورال-ياراغ سېتىپ بەرسۇن ۋەياكى قاچان قورال-ياراغ سېتىپ بەرسۇن، بۇ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىقى ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا ئامېرىكا قايتا-قايتا تەكىتلەپ كەلگەن بىر جۇڭگو پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشقا پۈتۈنلەي زىت.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر