باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا قانداق مۇھىم سېگناللار دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ؟

2015.12.18 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى جۇڭگو ئىقتىسادىنى يېتەكلەيدىغان كۆرسەتكۈچ. ئۇ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇتۇش بىلەن بىرگە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى بەلگىلەيدۇ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ بەختى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە 2016-يىلى «13-بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىدىغان ھالقىلىق يىل، شۇڭا مەركەزنىڭ بۇ قېتىملىق ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا بىر قاتار مۇھىم سىگناللار بېرىلىشى مۇمكىن.

  دۆلەت ئىچىگە قارىتا: تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج تەڭپۇڭلاشتۇرۇلۇپ، تەمىنلەش جەھەتتىكى ئىسلاھات سىياسەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلىنىشى مۇمكىن

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 10-نويابىر مەركەزنىڭ ئىقتىساد ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىدا تۇنجى قېتىم «تەمىنلەش ئىسلاھاتى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش بىلەن بىرگە، تەمىنلەشنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئېشىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

  زۇڭلى لى كېچياڭ 17-نويابىر «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان «تېزىسى» تۈزۈش خىزمىتى يىغىنىدا، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئىككى تەرەپتىن تەڭ كۈچ چىقىرىپ، كەسىپلەرنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  مەركەزنىڭ «تەمىنلەش ئىسلاھاتى»غا بولغان ئېتىبارى «ئىشلەپچىقىرىش تەمىنلەشتىن قول سېلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى بەرپا قىلىش»تەك مۇھىم سىگنال بەردى.

  سىرتقا قارىتا: «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولىدۇ

  زۇڭلى لى كېچياڭ يېقىندا «ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمى» يىللىق ژۇرنىلىنىڭ «دۇنيا 2016»دە «جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى» ماۋزۇلۇق ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا، جۇڭگونىڭ 2016-يىلى ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  زۇڭلى لى كېچياڭ يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى ئارقىلىق، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ ئىقتىدار-باھا نىسبىتى ئەۋزەللىكىنى تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئىلغار تېخنىكىسى بىلەن ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى «ئەلا سۈپەتلىك، تۆۋەن باھالىق» جابدۇقلار بىلەن تەمىنلەپ، تەمىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ، تېز ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانائەتلىشىش، شەھەرلىشىشىنى تېزلىتىشىگە ياردەملىشىش كېرەك.

  قىزىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ: پۇل مۇئامىلە، ئۆي مۈلۈك مۇھىم نۇقتىغا ئايلىنىشى مۇمكىن

  مەركەز تۈزگەن «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، ھازىرقى زامان پۇل مۇئامىلە بازىرىغا ماس كېلىدىغان پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رامكىسىنى ئىسلاھات قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئوتتۇرىغا قويۇلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ «تەكلىپ»نى چۈشەندۈرگەندە مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىندا دائىم كۆرۈلگەن دائىرىلىك خەۋپ-خەتەر بولۇپمۇ كاپىتال بازىرىنىڭ كۈچلۈك داۋالغۇشى شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رامكىسىدا ئېلىمىز پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلاشماسلىقتەك تۈزۈلمە خاراكتېرلىك زىددىيەت مەۋجۇت، بۇ ئىسلاھات ئارقىلىق پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، سىستېمىلىق خەۋپ-خەتەردىن ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلىنىش ۋە كونترول قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى.

  ساھە ئىچىدىكى زاتلار مۇنداق دېدى: تەمىنلەش ئىسلاھاتىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئۆي مۈلۈك بازىرىنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. 10-نويابىر ئېچىلغان مەركەزنىڭ ئىقتىساد ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 11-قېتىملىق يىغىنىدا، ئىقتىسادنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شەھەر خىزمىتى باش تېما قىلىنىپ، مەركەز ئۆي مۈلۈك، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرى، كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئېنىق كۆرسەتمە بەردى. بۇ مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىغا كىرگۈزۈلۈپ، كېلەر يىللىق خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلىنىشى مۇمكىن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر