باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ 10- قېتىملىق مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى يېپىلدى

2015.12.21 17:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ 10- قېتىملىق مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى 19- دېكابىر كېنىيەنىڭ پايتەختى نايرۇبىدا يېپىلدى. بەش كۈن جاپالىق سۆھبەت ئىلىپ بېرىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق ھەر قايسى تەرەپلەر بىر قاتار سودا سۆھبىتىدە تارىخى خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتى قۇرۇلغان 20 يىلدىن بۇيان ئافرىقىدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى بولۇپ، يېزا ئىگىلىك سۆھبىتى ۋە ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى بۇ قېتىمقى يىغىندا كۆڭۈل بولىدىغان مۇھىم نۇقتا بولدى. ھەر قايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئالاقىدار يادرولۇق تېمىلاردا ئىختىلاپ ساقلانغانلىقى ئۈچۈن، ئەسلىدە 18- دېكابىر يېيىلىدىغان يىغىن 19- دېكابىر كەچتە يېپىلدى. يىغىندا ئەڭ ئاخىرى نايروبى مىنىستىرلار خىتابنامىسى ماقۇللىنىپ، ئافرىقا قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئەڭ كۆڭۈل بىلىۋاتقان يېزا ئىگىلىك ئېكسپورتى تالاش تارتىشتا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى، 162 ئەزا دۆلەت تۇنجى قېتىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىغا تولۇقلىما بېرىشىدا تۇنجى قېتىم ۋەدە بەردى، ھەمدە ئېكسپورتنى مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش، پاختا، خەلقئارا ئاشلىق ياردىمى قاتارلىقلاردا يېڭىدىن كۆپ تەرەپلىك قائىدىلەرنى ھاسىل قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر