باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما: گۇئانتانامۇ تۈرمىسىنى مەجبۇرىي تاقاشنى ھازىرچە ئويلاشمىدۇق

2015.12.21 13:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 18-دېكابىر مۇنداق دېدى: مەن زۇڭتۇڭ مەمۇرىي بۇيرۇقىنى مەجبۇرىي ئىشلىتىپ گۇئانتانامۇ تۈرمىسىنى تاقاشنى ۋاقتىنچە ئويلاشمىدىم، بەلكى ئالدى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كونتروللىقىدىكى پارلامېنت بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇ تۈرمىنى تاقاش ئۈستىدە ئىزدىنىمەن. ئوباما مۇنداق دېدى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پارلامېنتقا گۇئەنتانامۇ تۈرمىسىنى تاقاش ھەمدە مەھبۇسلارنى ئامېرىكىغا يۆتكەش ھەققىدىكى بىر لايىھەنى سۇندى. گەرچە ئامېرىكا پارلامېنتى بۇ پىلاننى ماقۇللاشتا غايەت زور توسالغۇ مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن پارلامېنت بۇ لايىھەنى ئېنىق ئىنكار قىلىشتىن بۇرۇن، مەن زۇڭتۇڭ مەمۇرىي بۇيرۇقىنى ئىشلەتمەيمەن. 2002-يىلى يانۋاردا ئامېرىكا ئارمىيەسى كۇبا گۇئانتانامۇ قولتۇقىدىكى دېڭىز ئارمىيەسى بازىسىغا ھەربىي تۈرمە سېلىپ، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە قولغا ئېلىنغان جىنايەت گۇماندارلىرىنى مەخسۇس قامىغان ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر