باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا 20 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ

2015.12.22 13:36         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پىراكتىكانت رازىيە ئابلەتنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2016 - يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى 26 - دېكابىردىن 28 - دېكابىرغىچە ئېلىنىدىكەن. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىن 19 مىڭ 963 ئوقۇغۇچى ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان، ئاپتونوم رايون بويىچە 11 ئىمتىھان رايونى، 18 ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىنغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 2015 - يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان 39 كىشى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان. بۇ قېتىمقى ئىمتىھاندا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش سالمىقى ئالاھىدە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، 1 - نويابىر يولغا قويۇلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى (9)»نىڭ 284 - ماددىسىغا ئاساسەن، دۆلەتلىك ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدىكەن؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىپ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدىكەن؛ باشقىلارنى كۆچۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلەش ياكى ۋاكالىتەن ئىمتىھان بېرىش قاتارلىق قىلمىشلار قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر