باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىخو شەھىرىدىكى 65 كەنتنىڭ ھەر بىرى 500 مىڭ يۈەن خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش تولۇقلىمىسىغا ئېرىشتى

2015.12.22 14:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:2015 –يىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات ئىشخانىسى شىخۇ شەھرىگە خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش تۈرىدىن 65نى چۈشۈردى. 65 كەنتنىڭ ھەر بىرى 500 مىڭ يۈەن ياردەم پۈلىغا ئېرىشتى.

  تۈر مەبلىغى سۇ تۇرۇبىسى تورىنى ئۆزگەرتىش، مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەش، ئاھالە رايون، مەھەللە يول قۇرۇلۇشى، كەنت كۆركەملەشتۈرۈش يورۇتۇش قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت ئۆيى قۇرۇلۇشى، سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياساش، ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇش تۇرلىرىگە چېتىلىدۇ. 11-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، شىخۇ شەھىرى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش تۈرى مالىيە تولۇقلىمىسى مەبلىغىدىن 11 مىليون يۈەن ئاجراتتى.

  نۆۋەتتە، شىخو شەھىرى يولغا قويۇپ ئەمىلىلەشكەن خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىن 63ى بار بۇنىڭ ئىچىدە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋېلىنغان تۈردىن 36 سى، پۈتكەن تېخى تەكشۈرۈلمىگەن تۈردىن 27سى بار، باشقا 2 تۈر تېخى ئىشلەنمەكتە. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر