باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

3 - قېتىملىق «شىنجاڭنى كۈيلەش» تېمىسىدىكى نادىر ئىجادىي ناخشىلارمۇ كاپاتلاندى

2015.12.22 13:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدا 18 - دېكابىر چۈشتىن كېيىن مەملىكەتلىك مۇزىكانتلار جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 3 - قېتىملىق «شىنجاڭنى كۈيلەش» تېمىسىدىكى نادىر ئىجادىي ناخشىلارنى مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

  پائالىيەتتە «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، ئۈچ ئەل خىزمىتى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 60 يىللىق تەرەققىياتىدىكى ئۆزگىرىشلەر، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تېمىسىدىكى 1028 ئەسەر ئىچىدىن قاتلاممۇ - قاتلام تاللاش ئارقىلىق، ئاخىرىدا «يىپەك يولى»، «توغراق ئەسلىمىسى» قاتارلىق ئىككى ئەسەر ئالتۇن مېدالغا، «شىنجاڭغا مۇھەببەت»، «باھار»، «كۆڭلۈم شىنجاڭنى تارتىدۇ» قاتارلىق ئۈچ ئەسەر كۈمۈش مېدالغا، «قۇملۇقتىكى مول ھوسۇل»، «مەن شىنجاڭدا سىزنى ساقلايمەن»، «مېنىڭ يېزا تۇرمۇشۇم»، «ياش تارىم»، «شىنجاڭ مېنىڭ ئائىلەم» قاتارلىق بەش ئەسەر مىس مېدالغا، «قار لەيلىسى» قاتارلىق ئون ئەسەر مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  «شىنجاڭنى كۈيلەش» ناخشا ئىجادىيەت پائالىيىتى ئاپتونوم رايونىمىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلىگەن، مەملىكەت مىقياسىدا مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە مەدەنىيەت ماركىسى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ سەنئەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەزمۇنى ساغلام، مېلودىيەسى گۈزەل، ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك، ئامما ياقتۇرىدىغان بىر تۈركۈم سەنئەت ئەسەرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

  بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر 31 - دېكابىر شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2015 - يىللىق «شىنجاڭنى كۈيلەش» ناخشا كېچىلىكىدە كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر