باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى مۇزاكىرىلەشتى

2015.12.22 13:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاجراشقاندىن كېيىنمۇ جۆرىسى يەنە دائىم پاراكەندە قىلسا قانداق قىلىش كېرەك؟ پەرزەنتلىرى بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش پۇلىنى تۇتۇپ قالسا، بۇ ئائىلە زۇلۇمىغا كىرەمدۇ-يوق؟ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-قېتىملىق يىغىنى 21-دېكابىر گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىگە 2-قېتىم قاراپ چىقتى. دائىمىي كومىتېتىنىڭ قىسمەن تەشكىلىي ئەزالىرى مۇنداق دېدى: قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇش چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ئائىلە زۇلۇمىغا قارىتا قانۇن چىقىرىشنى بىر مىنۇت كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ، قانۇننىڭ مەشغۇلاتچانلىقىنى كۈچەيتىش، ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ ئائىلە زىددىيىتىنى پەسەيتىشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش-قىلدۇرالماسلىقىنىڭ مۇھىم ھالقىسى.

  ئەزا شيۇ فۇجىن مۇنداق دېدى: ئائىلە زۇلۇمى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھاياتىي، مەنىۋى، جىسمانىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈپلا قالماستىن، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى چىقىرىش، قانۇن ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىككە قاراپ مېڭىشىنىڭ ئېھتىياجى. ۋەكىل ۋاڭ دىيەنگۈي مۇنداق دېدى: 1-قېتىم قاراپ چىقىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىم ھەر ساھەدىن پىكىر قوبۇل قىلىنىپ، قانۇننىڭ تەتبىقلاش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ئاجىزلارنى قوغداش كۈچەيتىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلىنىڭ ئىجتىمائىي رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئەل رايىغا ماسلاشتۇرۇلغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر