باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2015 - يىللىق جۇڭگودىكى چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەردە پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى كۆرسەتكۈچى ئېلان قىلىندى، ئۈرۈمچى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى 8-ئورۇندا تۇردى

2015.12.22 14:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:18-دېكابر، « 2015 - يىللىق چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەردە پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى كۆرسەتكۈچى دوكلاتى» ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ دوكلات دېيىلىدۇ) بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى، باھالاشقا قاتناشقان 38 شەھەر ئىچىدە جۇخەي ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان، ئۈرۈمچى 8- ئورۇندا تۇرغان.

  «دوكلات» نى غەربىي جەنۇب قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا ياشانغانلار ئىلمىي تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان، داۋالىنىش، ئاھالىنىڭ ياشاش مۇھىتى، قاتناش ئەھۋالى، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى ، ئىقتىساد، پۇل- مۇئامىلىدىن ئىبارەت بەش چوڭ ئۆلچەم ۋە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك 2 - دەرىجىلىك كۆرسەتكۈچ مەلۇماتنى يىغىش ئارقىلىق، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 38 چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرنى باھالىدى.

  « دوكلات» دۆلەت ئىچىدىكى ئورگانلارنىڭ تۇنجى قېتىم كۆرسەتكۈچ ھالىتىنى قوللىنىپ، پېنسىيىگە چىققان ئادەملەر توپىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، قېرىلىشىشقا تاقابىل تۇرۇش قۇرۇلىشى ئەھۋالىغا ئەتراپلىق باھا بەرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇخەي، شېنجېن، بېيجىڭ، گۇاڭجۇ، شاڭخەي، نەنجىن، شيامېن، ئۈرۈمچى، سۇجۇ، تەييۈەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئالدىنقى ئون كۈچلۈك قاتارىغا كىرگەن.

  ھازىر، مەركەزدە 228مىڭ پېنسىيەگە چىققان خادىم ئىجتىمائىيلاشقان باشقۇرۇش مۇلازىمىتىگە كىرگۈزۈلدى. شەھەردىكى ھەر دەرىجىلىك پېنسىيىگە چىققانلارنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى پېنسىيەگە چىققان خادىملاردىن كۈندىلىك ھال سوراش، ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش، مەدەنىيەت – تەنتەربىيە، دەم ئالدۇرۇش پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەش قاتارلىق ئۇسۇل ئارقىلىق، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ئاسراش ۋە ياشانغانلارغا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىنى مەنىلىك كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولدى.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر