باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2015-يىللىق خەلق تۇرمۇشىدىكى ھالقىلىق سۆزلەر

[نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكەل جېڭى]

2015.12.22 13:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا «بىر كىشىنىمۇ سەپتىن قالدۇرماسلىق كېرەك»

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئايدا ئېچىلغان مەركەزنىڭ يۆلەش-ئېچىش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جەزمەن تېخىمۇ زور غەيرەتكە كېلىپ، تېخىمۇ ئېنىق ئوي - پىكىردە بولۇپ، تېخىمۇ ئېنىق تەدبىر قوللىنىپ، ئادەتتىن تاشقىرى سالماقلىق بىلەن، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەڭ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بىرمۇ نامرات رايوننى ۋە بىرمۇ نامرات ئاممىنى قالدۇرماسلىقىمىز كېرەك.

  [كۈتۈنۈش ئىسلاھاتى]

  ئورگان كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتى

  گوۋۇيۈەن 1-ئايدا «ئورگان كەسپىي ئورۇنلىرى ئىشىچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى قارار»نى ئېلان قىلىپ، ئورگان كەسپىي ئورۇنلىرى ئىشىچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلدى، جەمئىيەت بىر تۇتاش پىلانلاش بىلەن شەخسنىڭ ئىسچوتى ئۆز ئارا بىرلەشكەن ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن شەخس ئورتاق پۇل تاپشۇرىدىغان بولدى.

  گوۋۇيۈەن 8-ئايدا «ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندىغا مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش چارىسى»نى تارقىتىپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ مەبلەغ سېلىش پېيى، پاي فوندى، ئارىلاش فوند، پاي خاراكتېرلىك كۈتۈنۈش مەھسۇلاتلىرىنىڭ نىسبىتىنى مۇقىملاشتۇردى.

  [ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش]

  تۇغۇت سىياسىتى شارائىتقا قاراپ ئۆزگەردى

  10-ئايدا ئېچىلغان ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش قارار قىلىندى. بۇ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى كۆزلىگەن، ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىدىغان، ئائىلىلەرنىڭ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغان، ياشانغانلارنى بېقىش يۈكىنى يەڭگىللىتىدىغان مۇھىم خەلق تۇرمۇشى ئىسلاھاتى بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشى ۋە دۆلەتنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.

  [دەرىجىگە ئايرىپ تەكشۈرۈپ داۋالاش]

  مۇۋاپىق تەكشۈرۈپ داۋالاش تەرتىپى ئورنىتىپ، «كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى»نى ھەل قىلىش كېرەك

  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 9-ئايدا «دەرىجىگە ئايرىپ تەكشۈرۈپ داۋالاش تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، 2020-يىلغىچە دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان دەرىجىگە ئايرىپ تەكشۈرۈپ داۋالاش تۈزۈمىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىشنى مۇقىملاشتۇردى. دەرىجىگە ئايرىپ تەكشۈرۈپ داۋالاش تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاساسىي داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈر تەلىپى ۋە ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى يېنىكلىتىشنىڭ تۈپ تەدبىرى، شۇنداقلا داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى ئەندىزىسىنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇقەررەر يولى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر