باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرەيلى

2015.12.22 13:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مۇرەككەپ مەملىكەت ئىچى سىرتى مۇھىتى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەپ، ئىلمىي تەدبىر چىقىرىپ، ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلاشتى، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادى ھەرىكەت ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرلەش، مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلىنىش بولدى.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتى ئالدىدا، تونۇش جايىدا بولۇشى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىش كېرەك. توغرا باشلامچىلىق قىلىش كېرەك.

  ئومۇمىي تەلەپنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش ۋە تەلەپ قۇرۇلمىسنى تەڭشەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەمىناتنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش، يېڭىلىق يارىتىش، ماسلىشىش، يىشىل، ئېچىۋېتىلگەن، ھەمبەھىرلىنىدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسى بويىچە، قەتئىي ئىسلاھ قىلىپ، دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، تەمىنات سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بۇ ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىگە ماسلىشىش ۋە يىتەكچىلىك قىلىشتىكى زور يېڭىلىق يارىتىش، ئۇنېۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىگە ماسلىشىشتىكى ئاكتىپ تاللاش.

  ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئۇزاققىچە جەڭ قىلىش ھەم جەڭدە غەلبە قىلىش كېرەك. كېلەر يىلدىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۇشكۇل، ئىستراتىگىيە جەھەتتە مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرلەش، رېتىم ۋە سالماقنى ياخشى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئىستراتىگىيە جەھەتتە، مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئېشىندى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئىسكىلات قالدۇقى، پىششاڭنى تۈگىتىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، يىتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاشتىن ئىبارەت بەش چوڭ ۋەزىپىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى-ئىسلاھاتتا. دۆلەت كارخانىسى، مالىيە باج، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى ئىسلاھ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ زور يىتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتتا خەلقئارالىق نەزەر بولۇشى كېرەك، سىرتقا ئىچىۋېتىشنى تېخىمۇ قەتئىي كېڭەيتىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر