- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بىرازىلىيە پارلامېنتى زۇڭتۇڭنى ئەيىبلەشنى كېلەر يىلغا كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
2015.12.23 13:19 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرازىلىيە پارلامېنتى 21- دېكابىر 22 -دېكابىردىن باشلاپ پارلامېنتنىڭ ئارام ئالىدىغانلىقىنى، زۇڭتۇڭ روسۇفنى ئەيىبلەشنى كېلەر يىلغا كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
2- دېكابىر، بىرازىلىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى ھۆكۈمەت مالىيەدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى دېگەن سەۋەب بىلەن زۇڭتۇڭ روسۇفنى ئەيىبلەش تەرتىپىنى باشلىدى. بەلگىلىمە بويىچە، ئەيىبلەش لايىھەسى ئاۋام پالاتاسىدىكى ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللانسا، ئاندىن كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئاۋازغا قويۇشىغا سۇنۇلىدۇ. بۇ مەزگىلدە زۇڭتۇڭ خىزمىتىدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمنى ساقلايدۇ. ئەگەر كېڭەش پالاتاسىدىمۇ ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئاۋاز بىلەن ماقۇللانسا، زۇڭتۇڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر