- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
كوللېكتىپ بىخەتەرلىك ئەھدىنامىسى تەشكىلاتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى
2015.12.23 13:20 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، ئەرمىنىيە زۇڭتۇڭى ساركىسىيان 21-دېكابىر مۇنداق دېدى: كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى باشلىقلىرى يىغىنى شۇ كۈنى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىكى قىسمەن دۆلەتلەر 1992-يىلى مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان. 2002-يىلى مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى قۇرۇلغان، ھازىر رۇسىيە، بېلورۇسىيە، قازاقىستان، ئەرمىنىيە، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان بۇ تەشكىلاتقا ئەزا.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر