باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنت» ھەققىدە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان قانۇن مەسىلىلىرىگە جاۋاب بېرىلدى

2015.12.22 17:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىككىنچى بالىنى قاچاندىن باشلاپ تۇغۇشقا بولىدۇ؟ يالغۇز پەرزەنتلىك بولسا يەنە مۇكاپات بارمۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئىككىنچى بالىنى تۇغقاندا بېرىلىدىغان ئارام ۋاقتى قىسقا؟ ___ «ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنت» سىياسىتى پارتىيەنىڭ 18-نۆۋەتلىك 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، يۇقارقى مەسىلىلەر كىشىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولۇپ قالدى. 21-دېكابىر 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-قېتىملىق يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغان نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىدا بۇ مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىلدى.

  «يالغۇز پەرزەنتلەر ئىككى بالىلىق بولۇش» سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار تۇغۇت دەم ئېلىشىغا قارىتا، «كېچىكىپ توي قىلىپ كېچىكىپ پەرزەنتلىك بولغانلار بىرىنچى بالىسىنى تۇغقاندا تۇغۇت دەم ئېلىشى ۋە ھەرخىل مۇكاپاتلىق دەم ئېلىشنى قوشقاندا تەخمىنەن يېرىم يىللىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ؛ ئىككىنچى بالىسىنى تۇغقاندا ئاران 98كۈن دەم ئالالايدۇ» دېگەن بەلگىلىمە چىقاردى، بۇنىڭغا نۇرغۇن ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلار ئىككىلىنىش پوزىتسىيەسىدە بولدى، ھەمدە «98كۈن بەك قىسقا بولۇپ قالامدۇ، قانداق؟ سىياسەت يول قويغان ئىكەن، نېمە ئۈچۈن ئىككىنچى بالىنى تۇغقاندا، تۇغۇت دەم ئېلىشى قىسقا بولىدۇ؟» دېگەندەك سوئاللارنى قويدى.

  بۇنىڭغا قارىتا، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى تۈزىتىلگەن نۇسخىسى 25-ماددىغا قارىتا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، «پۇقرالار كېچىكىپ توي قىلىپ، كېچىكىپ پەرزەنتلىك بولسا، تويلۇق ۋە تۇغۇتلۇق دەم ئېلىشىنى ئۇزارتىش مۇكاپاتى ياكى باشقا پاراۋانلىق تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ» دېگەننى «بۇ قانۇننىڭ 18-ماددىسىدىكى تۇغۇت بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەر-ئاياللار تۇغۇتلۇق دەم ئېلىشىنى ئۇزارتىش مۇكاپاتى ياكى باشقا پاراۋانلىق تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ» دەپ ئۆزگەرتتى.

  گوۋۇيۈەننىڭ 2012-يىلى ئېلان قىلغان ئايال ئىشچى-خىزمەتچى ئەمگەكچىلەرنى قوغداش ئالاھىدە بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇغقاندا 98كۈنلۈك تۇغۇتلۇق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تۇغۇشتىن بۇرۇن 15كۈن ئارام ئالسا بولىدۇ؛ تۇغۇتى قىيىن بولسا يەنە 15كۈن ئارتۇق ئارام ئالسا بولىدۇ؛ كۆپكېزەك تۇغسا، كۆپ تۇغۇلغان ھەربىر بوۋاق ئۈچۈن 15كۈن قوشۇپ ئارام ئېلىشقا بولىدۇ.

  نوپۇس-ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىنىڭ 29-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، تۇغۇتلۇق دەم ئېلىشنى ئۇزارتىش مۇكاپاتى ۋە ياكى باشقا پاراۋانلىق تەمىناتىنى ھەرقايسى ئۆلكە-ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ۋە چوڭراق شەھەرلەرنىڭ خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ياكى خەلق ھۆكۈمېتى ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، كونكېرت بولغان يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر