باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ماس تەرەققىي قىلىش ئىككى كارخانا جانلاندۇرۇلۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يۆتكىلىش پىلانلاندى

شەندۇڭ «رۇيى»گۇرۇھى شىنجاڭنى مەۋقە قىلىپ، يىپەك يولى بويىدىكى تەرەققىياتىنى ئورۇنلاشتۇردى

2015.12.23 13:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ «رۇيى» توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتى يېقىندا تولۇپ تاشقان جاسارەت بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىشقا ئاتلاندى. بۇ شەندۇڭ «رۇيى» گۇرۇھىنىڭ شىخەنزىدىكى توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنى ئىككى قېتىم قوشۇۋېلىپ تەرتىپكە سېلىشتىكى مەقسىتىنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەندۇڭ «رۇيى» گۇرۇھى شىخەنزىدىكى ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ۋە ۋەيران بولغان ئىككى كارخانىنى قوشۇۋېلىپ تەرتىپكە سېلىپ، يۇڭ توقۇمىچىلىق ۋە پاختا توقۇمىچىلىقتىن ئىبارەت ئىككى مۇكەممەل ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى بارلىققا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «بىر تىزىق مارجان» شەكلىدىكى تەرەققىيات ئەندىزىسى ئارقىلىق، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تاماملىدى.

  20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدا بىر مەھەل دەۋر سۈرگەن شىخەنزە توقۇمىچىلىقى تۈزۈلمە، مېخانىزم سەۋەبىدىن چېكىنىشكە باشلىغانىدى. بۇنىڭ ئىچىدە «1 - ئاۋغۇست» يۇڭ توقۇمىچىلىق فابرىكىسى 2003 - يىلى تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، ناچار مۈلۈكنى شاللاپ، شىنجاڭ «جىنتيەنياڭ» توقۇمچىلىق چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا چېكىنىش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمىدى. 2010 - يىلى شەندۇڭ «رۇيى» گۇرۇھى شىنجاڭ «جىنتيەنياڭ» توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنى قوشۇۋېلىپ تەرتىپكە سېلىپ، ئۇنىڭ نامىنى شىنجاڭ «رۇيى» توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىگە ئۆزگەرتتى.

  قوشۇۋېلىپ تەرتىپكە سالغاندىن كېيىن، شەندۇڭ «رۇيى» گۇرۇھى دەرھال مەبلەغ سېلىپ، شىركەتنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىلىدى. ئەسلىدىكى «جىنتيەنياڭ» شىركىتى كاستۇم - بۇرۇلكا رەختىنىلا توقۇيتتى. بۇلتۇر 6 - ئايدا شەندۇڭ «رۇيى» گۇرۇھى «جىنتيەنياڭ» شىركىتىنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، كاستۇم - بۇرۇلكا تىكىش كەسپىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، ھازىر بۇ شىركەت يىلىغا 200 مىڭ يۈرۈش كاستۇم - بۇرۇلكا تىكىدىغان بولدى.

  «جىنتيەنياڭ» شىركىتىنى قوشۇۋېلىپ تەرتىپكە سېلىش بىر تەرەپتىن شىخەنزىنىڭ توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى قۇتقۇزۇۋېلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى كۆپەيتتى، يەنە بىر تەرەپتىن شەندۇڭ «رۇيى» گۇرۇھىغىمۇ پايدا ئېلىپ كەلدى. شىنجاڭ «رۇيى» توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى تيەن جيەن مۇنداق دېدى: ئۆزىمىز يېڭى زاۋۇت قۇرىمىز دېگەن بولساق، بۇنداق چوڭ كۆلەمدىكى زاۋۇت قۇرۇشقا ئىككى يىل ۋاقىت ھەم ئاز دېگەندىمۇ 200 مىليون يۈەن مەبلەغ كېتەتتى. «جىنتيەنياڭ» شىركىتى قوشۇۋېلىنىپ تەرتىپكە سېلىنغاندىن كېيىن، كارخانىنىڭ تىجارەت تەننەرخى تۆۋەنلىدى. توكنى مىسالغا ئالساق، شەندۇڭ ئۆلكىسىدە بىر ۋات توك 0.7 يۈەن، بۇ يەردە 0.38 يۈەن.

  2013 - يىلى 10 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، قارىغۇلارچە كېڭەيتىش سەۋەبىدىن مەبلەغ ئۈزۈلۈپ قالغاچقا، شىخەنزىدىكى يەنە بىر توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كارخانىسى بولغان «تيەنشېڭ» ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى ئىش توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ يىل 5 - ئايدا شەندۇڭ «رۇيى» گۇرۇھى «تيەنشېڭ» شىركىتىنى قوشۇۋالدى ھەم زاۋۇت ئۈسكۈنلىرىنى رېمونت قىلدۇرۇپ، 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئۇنى ئىشقا كىرىشتۈردى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ «رۇيى» توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ يىپ ئىگىرىش ئىقتىدارى 2 مىليون ئۇرچۇققا يېتىدىكەن.

  شىنجاڭ «رۇيى» توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ يەنە بىر مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چاۋ شياڭ مۇنداق دېدى: «تيەنشېڭ» شىركىتىنى جانلاندۇرۇش ئارقىلىق، گۇرۇھىمىزنىڭ پاختا توقۇمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بىر ھەسسە قاتلاندى، ئۇنىڭغا يېڭىسار ناھىيەسىدە قۇرۇلۇۋاتقان 500 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئىگىرىش كۆلىمى ھەم چۇڭچىڭ، شەندۇڭ، نىڭشيا قاتارلىق جايلاردا شەكىللەنگەن پاختا توقۇمىچىلىق كۆلىمىنى قوشقاندا، گۇرۇھىمىزنىڭ پاختا توقۇمىچىلىق كۆلىمى 3 مىليون ئۇرچۇققا يېتىدۇ. شۇ چاغدا گۇرۇھىمىز مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىسىغا ئايلىنىشى مۇمكىن».

  پۈتكۈل يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى نۇقتىسىدىن كەڭ دائىرىدە نەزەر سالغاندا، شىنجاڭ شەندۇڭ «رۇيى» گۇرۇھىنىڭ بۇ ئىقتىساد بەلبېغىدىكى بىر كۆزنىكىلا خالاس. شەرققە نەزەر سالغاندا، بۇ گۇرۇھ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدا توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىي رايونى قۇردى؛ غەربكە نەزەر سالغاندا، بۇ گۇرۇھ پاكىستاندىكى بىر ئىلمە توقۇلما شىركىتىنى سېتىۋېلىپ، ئۇنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈردى.

  شىنجاڭ «رۇيى» توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جۇ خۇڭرۈن: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى بويلىغان بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشنى شىركىتىمىز «بىر تىزىق مارجان» شەكلىدىكى تەرەققىيات ئەندىزىسى، دەپ ئاتىدى. كەلگۈسىدە شىنجاڭدا رىقابەت كەسكىنلەشسە، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن پاكىستاندا ئالدىن تەييارلىق كۆرۈپ قويدۇق، دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر