باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ «ئىنتېرنېت نۇرى» كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

2015.12.18 09:29   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

شى جىنپىڭ «ئىنتېرنېت نۇرى» كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇجېن بازىرىدا «ئىنتېرنېت نۇرى» كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنتېرنېت كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇشىغا غايەت زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى.نۇرغۇن ساھەلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىدا كۈچلۈك تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. بىز ئىنتېرنېت ئېلىپ كەلگەن زور پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 3 دە شى جىنپىڭ كۆرگەزمە زالىغا يېتىپ كەلدى، ئالدى بىلەن تەرەققىيات نۇقتىئىنەزەرى رايونىغا بېرىپ، «ئەقىل پاراسەتلىك باشلىقلار يىغىنى» «ئەقىل پاراسەتلىك ۋۇجېن» ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇش ۋە ئىنتېرنېت كۆرگەزمىسىنى كۆردى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ «ئىنتېرنېت قوشۇلغان باش تېمىلىق كۆرگەزمە رايونىغا» كېلىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇقتىلىق تور ئۇچۇر كارخانىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، كارخانىچىلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. «ئىنتېرنېت يېڭىلىق يارىتىش» كۆرگەزمە رايونىدا شى جىنپىڭ ئالاقىدار پەن تېخنىكا كارخانىلىرى مەسئۇللىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان مەھسۇلات ۋە تېخنىكا تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىنتېرنېت 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىجادىيەتلەرنىڭ بىرى، كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا غايەت زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى، نۇرغۇن ساھەلەردىكى يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىياتتا كۈچلۈك تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. ئىنتېرنېتنىڭ تەرەققىياتى ھەر قايسى كەسىپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا تارىخىي پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. كارخانىلارنىڭ ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىپ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساش ئاكتىپچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا، مۇلازىمەتتە، سودا قېلىپىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلەش ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قوللىدى ۋە ئىلھاملاندۇردى، كارخانىلارنى جەمئىيەتكە، خەلققە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. ئىنتېرنېت ئېلىپ كەلگەن زور پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك.

  «ئىنتېرنېت نۇرى» كۆرگەزمىسىنى 2-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىنتېرنېت يىغىنى يېڭىدىن تەسىس قىلغان. ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى، ئامېرىكا، ياۋروپا، لاتىن ئامېرىكىسى ئامېرىكا قىتئەسى قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 260 غا يېقىن كارخانىچى كۆرگەزمىگە قاتناشتى، 80 نەچچە مەيدان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇڭگو ۋە چەتئەلنىڭ ئىنتېرنېت تەرەققىياتىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا ۋە ئەڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمە قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئاۋات ناھىيەسىدە لۇشۈن باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكىدىن ماۋزېدۇڭ، لۇ شۈن قاتارلىقلارنىڭ ت…
      ·ئېلىمىز مائارىپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى دۇنيانىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتارىغا ئۆتتى
      ·جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى (بېيجىڭ)نىڭ قاراماي مەكتەپ رايونى قۇرۇلدى
      ·ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ كېلىش بىخەتەرلىكى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ
      ·10 ئۆلكە شەھەر جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسپىي مائارىپىغا ياردەم قىلدۇ
      ·شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېدا ئوقۇشنى خالايدىغانلار ھازىردىن باشلاپ توردا تىزىملاتسا بولىدۇ
      ·شىنجاڭ يەسلى بالىلىرى ئوقۇش رويخېتىنى بىر تۇتاش تۇرغۇزىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى قەرەللىك تىزىملاش تۈزۈمى 2016-يىلىد…
      ·ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختاپ ئىگىلىك تىكلەشكە بولىدۇ