باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق شتابى 2016- يىلى ئەتىيازلىق تاشقىننىڭ كەڭ دائىرىدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتتى

2015.12.22 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق شىتابى ئىشخانىسى 21-دېكابر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، 2016 - يىلى ئەتىيازدا، ئېلىمىزنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا كەڭ دائىرىدە ئەتىيازلىق تاشقىن يۈز بېرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتتى.

  مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان ئېلىئونېز ھادىسى ، بۇ يىل 5 - ئايدا ئېكۋاتور ئوتتۇرا تىنچ ئوكياندىن شەرققى تىنچ ئوكيانغا قاراپ تەرەققىيات قىلىپ ھازىر ئېلىئونېز ھادىسىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئۆلچىمىگە يەتتى، ھەمدە 2016-يىلى ئەتىيازغىچە داۋاملاشماقچى، بۇ جەريان 1997/1998- يىلى بىلەن تولىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ. دەسلەپكى تەھلىل قىلىشىچە، كېلەر يىلى كەلكۈن ۋە قۇرغاقچىلىق ۋەزىيىتى بۇ يىلدىكىدىنمۇ ئېغىر بولىدىكەن، ئەتىياز پەسلىدە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا بىر قەدەر كۆپ يامغۇر ياغىدىكەن، كەڭ دائىرىدە ئەتىيازلىق تاشقىن يۈز بېرىش ئېھتىمالى بار ئىكەن؛ تاشقىن مەزگىلىدە بەزى ئېقىنلاردا چوڭ كەلكۈن يۈز بېرىش ئىھتىمالى بولىدىكەن، بەزى جايدا ئېغىر قۇرغاقچىلىق يۈز بېرىش ئېھتىمالى بار ئىكەن، تەيفېڭ بورۇنىنىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىش كۈچى بىرقەدەر چوڭ بولۇپ ئىچكى قۇرۇقلۇققا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بار ئىكەن. جەنۇبتىكى قىسمەن رايونلار پات يېقىندا بىر قېتىملىق قاتتىق يامغۇرنى باشتىن كەچۈرىشى مۇمكىن. دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش شىتابىنىڭ دېيىشىچە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ۋە ئىللىق نەم ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئورتاق تەسىرىدە، 21-دېكابردىن 24-دېكابرغىچە، ئېلىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب شەرقىي قىسمى، جياڭنەن، خۇانەن قاتارلىق جايلاردا بىر قېتىم روشەن يامغۇر يېغىش بولىدىكەن، يامغۇر مىقدارى 25 - 50 مىللىمىتىرغىچە بولىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 22-دېكابر يېغىن ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، جياڭنەننىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمى ۋە گۇاڭشىنىڭ ئوتتۇرا شەرقىي قىسمى، گۇاڭدۇڭنىڭ غەربىي شىمال قىسمى قاتارلىق جايلاردا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا قارا يامغۇر ياغىدىكەن، يامغۇر مىقدارى 50- 70 مىللىمىتىرغا يېتىدىكەن.(مەلىكەم)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر