باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2015-يىلى ئېلىمىزنىڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسىدە پايدا 54 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

2015.12.24 17:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2016-يىللىق خەلق ئاۋىياتسىيە خىزمىتى يىغىنى 24-دېكابىر ئېچىلدى. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۇقىم بولۇپ، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىدا ئۇچۇش ۋەقەسى ۋە ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن، بىر قەدەر تېز تەرەققىيات سۈرئىتىنى ساقلىغان. ئالدىنقى 11 ئايدا 54 مىليارد 760 مىليون يۈەن پايدا ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %76.2 ئېشىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى رېكورت يارىتىلغان. يىغىندا مۇئاۋىن قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرى لى جياشياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 13- بەش يىللىق پىلان مەزگىلى ئېلىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇشتا غەلىبە قىلىش باسقۇچى. بۇ مەزگىلدە بىر بەلباغ بىر يول، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى ۋە چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىسادىي بەلبېغىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيە ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرىلىدۇ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئېلىمىزنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى چوڭقۇر تەڭشەيدۇ، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تەرەققىياتىمۇ يېڭى بىر باسقۇچقا كىرىدۇ. 13- بەش يىللىق پىلان مەزگىلى خەلق ئاۋىياتسىيەسىدە كۈچلۈك دۆلەت ئىستراتېگىيەسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشتىكى ئىنتايىن ئاچقۇچلۇق مەزگىل، خەلق ئاۋىياتسىيەسىدە كۈچلۈك دۆلەت بەرپا قىلىشنى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئىلگىرى سۈرۈش لايىھەسىگە ئاساسەن، 2020-يىلغىچە ئېلىمىز دەسلەپكى قەدەمدە خەلق ئاۋىياتسىيەسىدە كۈچلۈك دۆلەتنى قۇرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر