باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى ئۆتكۈزدى

مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى يەنىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى

2015.12.24 13:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون 23 - دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇردى، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇنقى ئاخىرقى ئۆتكەلگەن ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنىمۇ تەرتىپكە سالدى، كونكرېتلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى شۆھرەت زاكىر يىغىندا مۇنداق تەكىتلىدى: تەشكىلىي كومىتېتنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى، ئەزا ئورۇنلار مەسئۇلىيەت ئېڭى، بۇرچ ئېڭى ۋە تەخىرسىزلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، «مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، خەلقئارا سەۋىيىلىك، ئىناق، بىخەتەر، ئۇنتۇلغۇسىز، دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان» كاتتا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.

  مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2016 - يىل 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ شىنجاڭ ئۆتكۈزىدىغان تۇنجى مەملىكەتلىك چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى. ھازىر قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئوڭۇشلۇق ئىشلىنىۋاتىدۇ.

  شۆھرەت زاكىر يىغىندا مۇنداق تەكىتلىدى: مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پۇختا، مەسئۇلىيىتى ئېنىق ئايرىلغان قوماندانلىق سىستېمىسى قۇرۇپ، مەيدان - ساراي، مۇسابىقە، تەشۋىقات، كۈتۈۋېلىش، بىخەتەرلىكنى قوغداش، باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش مۇراسىمى، داۋالاش - قۇتقۇزۇش، يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك خىزمەتلەر بويىچە تارماق قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ، قوماندان تەسىس قىلىپ، يۇقىرى - تۆۋەن ماسلىشىشقا، تەرتىپلىك يۈرۈشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى؛ «بىخەتەرلىك مۇھىم ۋەزىپە، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش بىخەتەرلىككە باغلىق» دېگەن تەلەپكە ئاساسەن، بىخەتەرلىكنى قوغداش خىزمىتىنى ئەمەلىي، پۇختا ئىشلەپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ھېچقانداق سەۋەنلىك كۆرۈلمەسلىككە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى؛ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىشى شۇنداقلا تۈرلۈك مۇسابىقىلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى؛ مۇسابىقىنى تېجەشلىك ئۆتكۈزۈش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، تاماشىبىنلارغا كاتتا، ئۇنتۇلغۇسىز باشلىنىش مۇراسىمى ۋە ئىخچام، غەلىبىلىك يېپىلىش مۇراسىمى تەقدىم قىلىشى؛ خەلقئارا سەۋىيىدىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قىزغىن، ئالغا ئىنتىلىدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىشى؛ مۇسابىقىنى تەشكىللەش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئەڭ ياخشى ھالەت بىلەن ئەڭ ياخشى نەتىجە، ئەڭ ياخشى سەۋىيەنى قولغا كەلتۈرۈشى؛ شىنجاڭنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، جاسارىتى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، تاماشىبىنلاردا شىنجاڭ ھەققىدە ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يارقىن ئوبرازىنى تىكلىشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ھازىر مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىشىغا يەنە بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت قالدى، جايلار،تارماقلار، ئورۇنلار پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، بارلىق خىزمەتلەرنى ئەتراپلىق ئويلىشىپ، بارلىق مەسئۇلىيەتنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەييارلىق لايىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بارلىق مەسىلىلەرنى جايىدا ھەل قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپتىكى خىزمەتلەرنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ھېچقانداق سەۋەنلىك كۆرۈلمەسلىككە كاپاتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى شۆجۈن، تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر