باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە مەدەت بېرىش

«شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتنى ساياھەت قىلىش» باش تېما پائالىيىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلدى

2015.12.24 13:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل قىشتا شىنجاڭنىڭ قار - مۇز ساياھىتى چوقۇم قالتىس قىزىيدۇ.

  12 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياغقان ئاز كۆرۈلىدىغان قېلىن قار شىنجاڭنىڭ قار - مۇز ساياھىتىگە ياخشى ئاساس سالدى؛ بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتقان مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شىنجاڭنىڭ قار - مۇز ساياھەتچىلىكىگە تېخىمۇ مول مەزمۇنلارنى قوشىدۇ.

  12 - ئايدىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتنى ساياھەت قىلىش» باش تېمىسىدىكى قىشلىق ۋە ئەتىيازلىق ساياھەت پائالىيىتى كەينى - كەينىدىن باشلىنىپ، شىنجاڭنىڭ قار - مۇز ساياھەتچىلىكىنىڭ ئالاھىدە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە مەدەت بەردى.

  ئېتىبار كۆپ، ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىنلىقى يۇقىرى

  «8 - دېكابىردىن باشلاپ تۆنۈگۈنگىچە 1400دىن ئارتۇق كىشى پائالىيەتكە تىزىملاتتى». 23 - دېكابىر، يەنى 3 - نۆۋەتلىك بۇغدا كۆلى داشقازان قوي گۆشى بايرىمى باشلىنىشقا ئۈچ كۈن قالغاندا، بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان شىنجاڭ ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ باش دىرېكتورى جۆ چى: بۇ يىل «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتنى ساياھەت قىلىش» باش تېمىسىدا تۇنجى قېتىم قىشلىق ۋە ئەتىيازلىق ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدۇق، ئۈنۈمى مۆلچەرىمىزدىكىدىنمۇ بەكرەك ياخشى بولدى، دېدى.

  ئىگىلىشىمچە، ئادەتتىكى تارقاق ساياھەتچىلەرنىڭ بۇغدا كۆلىدىكى بىر كۈنلۈك ساياھەت ھەققى ئادەتتە 230 يۈەندىن 240 يۈەنگىچە ئىكەن، «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتنى ساياھەت قىلىش» باش تېما پائالىيىتىدە، ساياھەتچىلەر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مەخسۇس خىراجەت تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ساياھەت ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرغان ھەر بىر ساياھەتچىدىن 99 يۈەنلا ھەق ئېلىنىدىكەن. ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ بارسا تېخىمۇ ئەرزان بولۇپ، 60 يۈەنلا ئېلىنىدىكەن. ئىلگىرىكى «بىر كۈنلۈك ساياھەت»نىڭ ئىشىك بېلىتى، رايون ئارا ئاپتوبۇس ۋە بىر ۋاخ گۆشسىز پولو بىلەن تەمىنلەش ئۆلچىمىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى باش تېما پائالىيىتىنىڭ تاماق ئۆلچىمى تېخىمۇ ياخشىلانغان بولۇپ، يەنە قار ئادەم ياساش، قار ئېتىشىپ ئويناش، تەپكۈچ تېپىش، ئارغامچا تارتىشىش قاتارلىق قىزىقارلىق پائالىيەتلەر كۆپەيتىلگەچكە، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلغان.

  پائالىيەت مول، ساياھەت تولۇقلىمىسى كۆپ

  بۇ پەسىلدىكى «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتنى ساياھەت قىلىش» باش تېما ساياھەت پائالىيتىنىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ، قار - مۇز ساياھىتىدىن سىرت ئارشاڭ ساياھىتى، چېگرا ساياھىتى، تۇغقانلار ساياھىتى، سەھرا ساياھىتى تەسىس قىلىنغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭدىكى نۇرغۇن كارخانا بۇ ساياھەت پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشكە قاتناشقان بولۇپ، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، ئومۇمىي خەلقنى قىشلىق تەنھەرىكەتكە قاتنىشىشقا ئۈنۈملۈك سەپەرۋەر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق قار - مۇز ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

  12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتنى ساياھەت قىلىش» قىشلىق قار تېيىلىش پائالىيىتى باشلاندى، شىنجاڭ «خۇالىڭ» سانائەت سودا (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى(تۆۋەندە «خۇالىڭ» گۇرۇھى دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى)، شىنجاڭ «خۇالىڭ» خوتەن قاشتېشى سودا مەركىزى قاتارلىق شىنجاڭدىكى نۇرغۇن كارخانا تىجارەتچىلەر ۋە شەھەر ئاھالىسىدىن بولۇپ مىڭغا يېقىن كىشىنى تۇنجى قېتىملىق پائالىيەتكە تەشكىللىدى. جۇڭگو ياشلار ساياھەت كوپىراتىپى شىنجاڭ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ كۆيۈكتاغ ئارشاڭ كۆڭۈل ئېچىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «تۇنجى نۆۋەتلىك گۇخەي ئارشاڭغا چۈشۈش، قىشلىق سۇ ئۈزۈش بايرىمى» 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 20 - كۈنىگىچە گۇخەي ئارشاڭ مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن 320 ساياھەتچى ساياھەت ئاپتوبۇسى بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ، بۇ بايرامدىن ھوزۇرلاندى.

  شىنجاڭ «ئارسلان» دالا ساياھەتچىلىكى مەبلەغ سېلىش - باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جۇ گاڭ مۇنداق دېدى: «مۆلچەرلىنىشىچە، 2016 - يىل 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە بولغان ئۈچ ئاي ئىچىدە، 20 مىڭدىن 50 مىڭغىچە كىشى قىشلىق قار تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ». قىشلىق قار تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان ساياھەتچىلەر قوش ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدۇ، يەنى، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ تولۇقلىما ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولغاندىن سىرت، يەنە شىنجاڭ «خۇالىڭ» گۇرۇھى قاتارلىق كارخانىلار تەمىنلىگەن تولۇقلىمىدىن بەھرىمەن بولۇپ، خوتەن قاشتېشىنى ئەڭ تۆۋەن باھادا سېتىۋالالايدۇ، شۇنداقلا خوتەن قاشتېىشىغا ھەقسىز ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.

  قىزغىن كەيپىيات داۋاملىشىدۇ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەتلىرى كۆپىيىدۇ

  «يىچېڭتۇڭ» كەسىپ باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى باشلانغان «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتنى ساياھەت قىلىش» باش تېمىسىدىكى قىشلىق ۋە ئەتىيازلىق ساياھەت پائالىيىتىدە، 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنىگىچە شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەت ئۆمىكى 615كە، ساياھەتچى 18 مىڭ 765كە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن ساياھەتچى 9842 بولۇپ، 2014 - يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %39، %42 ۋە %76 كۆپەيگەن.

  كۆپ يىلدىن بۇيان «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتنى ساياھەت قىلىش» باش تېما پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەن جۇڭگو ياشلار ساياھەت كوپىراتىپى شىنجاڭ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى دۆلەت ئىچى ساياھىتى شۆبە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ما لى: ھازىر ساياھەتچىلەر ئېتىبار سىياسەتلەردىن تولۇق خەۋەردار بولۇپلا قالماي، يەنە تەلىپى بارغانسېرى ئۆسۈپ، مەنزىرە نۇقتىلىرىنى كۆرۈش بىلەنلا بولدى قىلمايدىغان بولدى. ئۇلارنىڭ قىزىقىشى كۆپىيىپ، ساياھەت جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ نەرسىنى كۆرۈشنى ئويلايدىغان بولدى، دېدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتنى ساياھەت قىلىش» باش تېمىسىدىكى قىشلىق ۋە ئەتىيازلىق ساياھەت پائالىيىتى ئاساسىدا، يەنە «ئىناق، گۈزەل ئىلى، شىنجاڭدىكى ئەڭ» −«قارلىق غۇلجا، گۈل - چېچەككە پۈركەنگەن شەھەر» باش تېما پائالىيىتى، «قار - مۇز كاتتا زىياپىتى» قاناس قار - مۇز مەنزىرىسى ساياھەت پەسلى ھەم قۇم قەدىمىي تېرە چانا بىلەن ئوۋ ئوۋلاش مۇسابىقىسى، «قار - مۇز كاتتا زىياپىتى» ئۇلۇڭگۈر كۆلىدە قىشلىق بېلىق تۇتۇش ساياھەت - مەدەنىيەت پائالىيىتى، «شىمالىي شىنجاڭنى ئاپتوموبىللىق ساياھەت قىلىش» ئېكولوگىيە فوتو سۈرەت سەپىرى، «ئارشاڭغا چۈشۈش − بورتالا مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا سەپەر» قىشلىق قار - مۇز ساياھەت - مەدەنىيەت بايرىمى قاتارلىق تۈرلۈك مەزمۇنلاردىكى پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە مەدەت بېرىلىپ، ئومۇمىي خەلق قىشلىق تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىنىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر