- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى تۈزۈشى مۇۋاپىق
2015.12.24 17:30 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي 23- دېكابىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى تۈزۈشى مۇۋاپىق، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ نورمال قانۇن چىقىرىش پائالىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشىنى، قوش ئۆلچەم قوللانماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.
خۇڭ لېي مۇنداق دېدى: تېررورلۇق دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مۇھىم ئامىل، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. نۆۋەتتە جۇڭگوغا قارىتىلغان تېررورلۇق زوراۋانلىق ۋەقەسى كۆپلەپ يۈز بەرمەكتە، جۇڭگونىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە خەلقنىڭ ھاياتى مال مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلماقتا. جۇڭگو قانۇنچىلىق دۆلىتى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى تۈزۈش دۆلەتنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش فاڭجېنىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تەلىپى، شۇنداقلا قانۇن ئارقىلىق مۇداپىئەلىنىش ۋە تېررورلۇققا زەربە بېرىشنىڭ رېئال ئېھتىياجى بولۇپ، جۇڭگونىڭ بىر مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك خەلقئارا مەسئۇلىيىتىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى ئىنتايىن زۆرۈر.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر