باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار يىغىنىدا مەركەزنىڭ شەھەر خىزمىتى يىغىنى روھى يەتكۈزۈلدى

شەھەرلەرنى ياشاشقا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان، تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2015.12.24 13:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە، 22 - دېكابىر چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، مەركەزنىڭ شەھەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى.يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ شەھەر خىزمىتى يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزى، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ سۆزى ھەم خۇلاسە سۆزى ئەينەن يەتكۈزۈلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ بۇ قېتىمقى شەھەر خىزمىتى يىغىنى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 4 - قېتىملىق شەھەر خىزمىتى يىغىنى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى 37 يىلدىن كېيىن ئېچىلغان 2 - قېتىملىق شەھەر خىزمىتى يىغىنى، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ شەھەر نوپۇسى تەدرىجىي %70كە يېقىنلاشقان ئەھۋالدا ئېچىلغان يىغىن. يىغىندا شەھەر تەرەققىياتىدا دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت تەھلىل قىلىندى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەھەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، «بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش يۈكسەكلىكىدە چوڭقۇر شەرھلەپ، شەھەر تەرەققىياتىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ۋە يولىنى ئەتراپلىق كۆرسىتىپ بەردى، يېڭى ۋەزىيەتتىكى شەھەر خىزمىتىنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى ۋە نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى، بۇ شەھەر خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش، شەھەر خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، شەھەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزدىكى ئاساسىي قوللانما. مەركەزنىڭ شەھەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شەھەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئومۇمىي تەپەككۇرى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يىغىننىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەرلەرنىڭ مۇھىت سۈپىتى، تۇرمۇش سۈپىتى، رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شەھەر تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: شەھەر تەرەققىياتى پۈتكۈل ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى، شەھەر قۇرۇلۇشى ھازىر زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ماتورىغا ئايلاندى. تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ شەھەرلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنىڭ ئادەتتىكى قانۇنىيىتىدىن قارىغاندا، ئېلىمىز شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى بىر قەدەر تېز راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى باسقۇچىغا كىرگەن. جۇڭگوچە شەھەر تەرەققىيات يولىنى ئېچىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، شەھەر تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، «بەشنى بىر تۇتاش پىلانلاش»تا چىڭ تۇرۇپ، پىلانلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەرلەرنىڭ «ئۆسۈپ يېتىلىش كوردىناتى»نى ئىلمىي پىلانلاپ، قۇرۇلۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەرلەرنىڭ «قان تومۇرى»نى ئۈنۈملۈك راۋانلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. ئومۇمەن، شەھەر خىزمىتى سىستېمىلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، تۈجۈپىلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاشقا كۈچەپ، مۇھىم نۇقتىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، شەھەرلەرنى ياشاشقا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان، تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شەھەر خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. مەركەزنىڭ تەلىپى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شەھەرلەرنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم رولىنى چوڭقۇر تونۇپ، شەھەر خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئورنى ۋە رولىنى تولۇق تونۇپ، شەھەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىمىز، شەھەرلەرنى قانۇن بويىچە پىلانلاپ، قۇرۇپ ۋە ئىدارە قىلىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى تۈزۈم مۇھىتى يارىتىپ بېرىشىمىز ۋە ئۇنى تۈزۈلمە، مېخانىزم كاپالىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، خەن يۇڭ، خۇاڭ ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۈن، بەي جىجيې، ئەركىنجان تۇراخۇن، شۈ خەيرۇڭ، قانىبات سابىكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، ليۇ شىنچى، ئاپتونوم رايوندىكى مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار، بۆلۈم، كومىتېت، ئىشخانا، نازارەت، ئىدارىلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر