باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسىدە 2-دەرسخانا پائالىيىتى ئارقىلىق ئەسەبىيلىك تۈگىتىلدى

2015.12.22 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) ئاۋات ناھىيەسىنىڭ غوروچۆل بازارلىق ئوتتۇرا مەكتىپى 2-دەرسخانا پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى جارىي قىلدۇرۇش، تالانتىنى نامايان قىلىشقا ياخشى شارائىت ھازىرلاپ، ئىلىم-پەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسەبىيلىكنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ تاشلىدى.

  يېقىندا، غوروچۆل بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە «زامانىۋىي مەدەنىيەتنى يىتەكچى قىلىش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» باش تېمىلىق 2-دەرسخانا نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى. غوروچۆل بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى، مۇنەۋۋەر تاپشۇرۇق كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، روھىنى تاۋلاپ، ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

  پائالىيەتتە، ئوقۇغۇچىلار ئۆز قابىليىتىنى نامايەن قىلىش سەھنىسى بىلەن تەمىن ئېتىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت جەھەتتىكى ئىقتىدارى تولۇق قېزىپ چىقىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشى ۋە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى سەھنە ھازىرلىنىپ، كەڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسى ئاشۇرۇلدى.

  غوروچۆل بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئابلىكىم تۇردى مۇنداق دېدى: ساۋاقداشلىرىم تاپشۇرۇقلىرىنى ناھايىتى ئەستايىدىل، رەتلىك، چىرايلىق، ياخشى ئىشلەپتۇ. بۇنىڭدىن كېيىن مەنمۇ بۇ ساۋاقداشلىرىمنى ئۆزۈمنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگسىى قىلىپ، دەرسلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايمەن، تاپشۇرۇقلارنى ياخشى ئىشلەيمەن، ئۇستازلىرىمنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىنى سەمىمىي ئاقلايمەن.

  غوروچۆل بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئەخمەت ئابدۇكېرەم مۇنداق دېدى: مەكتىپىمىزدە 2-دەرسخانا پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىق روھىغا ئىلھام بېرىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىشەنچىسى ئاشۇرۇلدى. 2-دەرسخانا پائالىيىتى نەتىجىلىرى نامايان قىلىنغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىم پەننى قىزغىن سۆيۈش، تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈش، ئۆگىنىشنى قىزغىن سۆيۈش ئاكتىپلىقى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، خۇراپاتلىققا، نادانلىققا، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئىدىيەسى مۇستەھكەملەندى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر