باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرى لىۋان ئىسرائىلىيە چېگراسىنىڭ تىنچلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈردى

2015.12.22 13:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدا ۋاقىتلىق تۇرۇشلۇق قىسىمى 20- دېكابىر كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە چېگرا لىنىيەسىنىڭ تىنچلىقى ئاساسى جەھەتتىن ئەسلىگە كەلدى. لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە دۈشمەنلىشىش ھالىتىنى داۋاملىق توختىتىش توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قىسىملىرىنىڭ رادارى شۇ كۈنى سائەت 17 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىن ئىسرائىلىيەگە ئۇچ رىكىتامىيۇت قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بايقىدى. ئىسرائىلىيە تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىغا دوكلات قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئىككى رىكىتامىيۇت ئۆلۈم يېتىم ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلمىدى، يەنە بىر رىكىتامىيۇت دېڭىزغا چۈشتى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئارقىدىن لىۋاننىڭ جەنۇبىغا 8 زېنىت توپ ئاتتى. ئىككى تەرەپنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلۈم يېتىم ۋەقەلىرى كېلىپ چىقمىدى. ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ قوماندانى ئىككى تەرەپنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، جىددىي ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1701- نومۇرلۇق قارارىغا خىلاپ ئېغىر ئىش بولۇپ ۋەقە پەيدا قىلغۇچىنى قانۇن تورىغا ئىلىش كېرەك .


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر