- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭ كىنوچىلىقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2015.12.23 13:30 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى كىنو - تېلېۋىزىيە سەنئەت فاكۇلتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق كىنوچىلار جەمئىيىتى تەشكىللىگەن، شىنجاڭ «دولان» ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى يېقىندىن قوللىغان شىنجاڭ كىنوچىلىقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 19 - دېكابىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئاپتونوم رايونىمىز كىنوچىلىقى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان تۆھپىكارلار، كىنوچىلىق ساھەسىدىكى پېشقەدەم ئاكتىيور، سېنارىست، رېژىسسورلار، ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدىكى ئەربابلار ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى كىنو - تېلېۋىزىيە ئاكتىيورلۇق كەسپىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ 200دەك كىشى قاتناشتى. يىغىندا شىنجاڭ كىنوچىلىقىنىڭ تارىخىي نەتىجىلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، ساقلانغان مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى ھەم شىنجاڭ كىنوچىلىقىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى. ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا «شىنجاڭ كىنولىرى ۋە ئۇنىڭدىكى يارقىن نۇقتىلار»، «نىساخان فىلىمىدە»، «ئۇيغۇر تۇرمۇشى ئەكس ئەتكەن مىكرو فىلىملەرگە نەزەر»، «بىزدە بىر كىنو» قاتارلىق تېمىلاردىكى ئىلمىي ماقالىلەر ئوقۇلدى. يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا «نىساخان» فىلىمىنى كۆردى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فولكلور مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر