- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئابادى: ئىراق جۇڭگو بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى كۈتمەكتە
2015.12.23 13:20 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئابادى 22-23-دېكابىر جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ. بۇ قېتىمقى زىيارەت ئابادىنىڭ ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە ئىراقنىڭ ھۆكۈمەت زۇڭلىسى بولغاندىن بۇيان ئىلىمىزدىكى تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى. ئابادى يېقىندا مۇخبىرلارنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئىراق بىلەن جۇڭگونىڭ يېقىندىن بۇيانقى مۇناسىۋىتى مۇقىم تەرەققىي قىلدى، جۇڭگو ئىراقنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى قايتىدىن قۇرۇلۇش مۇساپىسىدا مۇھىم رول ئوينىدى. ئىراق جۇڭگو بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر