باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرەيلى

2015.12.22 13:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا يېپىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى، شۇنداقلا قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇميۈزلۈك، نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇھىم يىغىن بولۇپ، ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىپ، تۇنۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «13 - بەش يىل»لىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ياخشى باشلاپ، قەدەمنى ياخشى ئېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئىچكى - تاشقى مۇھىت مۇرەككەپ ئەھۋالدا، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇملۇقنى تولۇق ئىگىلەپ، ئىلمىي تەدبىر تۈزۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلاشقاچقا، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي ھەرىكەت ئومۇميۈزلۈك مۇقىم بولۇپ، مۇقىم ئاساستا ئىلگىرىلەپ، مۇقىم ئاساستا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، 12 - بەش يىللىق يىرىك پىلان مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، «13 - بەش يىل»لىق تەرەققىياتنى ئوڭۇشلۇق باشلاش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.

  ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىدە، تونۇش جايىدا بولۇش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىش، يېتەكلەشنىڭ ئۈنۈمى بولۇشى كېرەك. ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاساسەن ياخشى بولسىمۇ، لېكىن بەزى قىيىنچلىق ۋە خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىلەر ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاش، باھا چۈشۈش، ئۈنۈم تۆۋەنلەش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، بۇنى تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلما ۋە تۈزۈلمە خاراكتېرلىك زىددىيەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ ئۇسۇلى − قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى تېخىمۇ كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىشتا، ساقلاپ تۇرۇشقا، قاراپ تۇرۇشقا بولمايدۇ. ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېزدىن ئۆزگەرتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تېز تەڭشەپ، ئىسلاھاتنى تېز ۋە ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرغاندىلا، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئىقتىسادنى يېڭى پەللىگە يۈكسەلدۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  ئىقتىسادىي خىزمەتنى ئىشلەشتە، قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، ۋەزىيەتكە قاراپ تەدبىر تۈزۈش، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش قىلىش ھەممىدىن مۇھىم. ئومۇمىي ئېھتىياج مەسىلىسى ھازىرقى ئىقتىسادىي ھەرىكەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلە بولسىمۇ، لېكىن قۇرۇلما خاراكتېرلىك مەسىلىلەر تېخىمۇ گەۋدىلىك. ئۈنۈملۈك تەمىنلەش ئومۇمىي ئېھتىياج ۋە قۇرۇلما ئۆزگىرىشىگە ماسلىشالمىغان ئەھۋالدا، ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش ھەم ئېھتىياج قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش بىلەن بىللە، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيەسى بويىچە كەسكىن ئىسلاھ قىلىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، تەقسىماتتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ، ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى ئاشۇرۇپ، تەمىنلەش قۇرۇلمىسىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ۋە ئىلاستىكىلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بۇ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىدىغان ۋە ئۇنى يېتەكلەيدىغان زور يېڭىلىق، شۇنداقلا ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتى كۈچىيىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىشتىكى تەشەببۇسكار تاللاشتىن ئىبارەت.

  قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بەش چوڭ سىياسەتنى زىچ ماسلاشتۇرۇش كېرەك. ماكرو سىياسەت مۇقىم بولغاندىلا، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھات ئۈچۈن مۇقىم بولغان ماكرو ئىگىلىك مۇھىتى ھازىرلىغىلى بولىدۇ. كەسىپ سىياسىتى توغرا بولغاندىلا، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنىڭ يۆنىلىشىنى توغرا بېكىتكىلى بولىدۇ. مىكرو سىياسەت جانلىق بولغاندىلا، بازار مۇھىتىنى ياخشىلاپ، كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ. ئىسلاھات سىياسىتى ئەمەلىي بولغاندىلا، ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ئىجتىمائىي سىياسەت پۇختا بولغاندىلا، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇششاق مەسىلىلەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغدىغىلى بولىدۇ.

  قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، يوقىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك. كېلەر يىللىق قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھات ۋەزىپىسى مۈشكۈل، ئىستراتېگىيەدە، مۇقىم ئاساستا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، رىتىم ۋە سالماقنى ياخشى ئىگىلەش؛ تاكتىكىدا، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇۋاپىق تەڭشەش، ماللارنىڭ بېسىلىپ قېلىشىنى ئازايتىش، پىشاڭغا تايانماسلىق، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، ئاجىزلىقنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت بەش ۋەزىپىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. «مۇردا كارخانا»لارنى پائال، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، قوشۇۋېلىپ قايتا تەشكىللەش، قەرزنى قايتا رەتلەش، ھەتتا ۋەيران بولغان كارخانىلارنىڭ مال - مۈلكىنى ئېنىقلاپ بازاردا سېتىپ تۈگىتىش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغاندىلا، بازار ئەھۋالىنى ئالدىن ياخشى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ. كارخانىلارنىڭ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك، بۇ تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخى، ئادەم كۈچى تەننەرخى، كارخانىلارنىڭ باج سېلىقى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى، مالىيە تەننەرخى، توك باھاسى، ئەشيا ئوبوروت تەننەرخى قاتارلىقلارنى تۆۋەنلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۆي - زېمىن بېسىلىپ قېلىش ئەھۋالىنى تۈگىتىش، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى شەھەرلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، تەمىنلەش - تەلەپ يولىنى كەڭ ئېچىپ، ئۆي - زېمىن بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى كېڭەيتىپ، نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، كارخانىلارنىڭ تېخنىكا، ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلىشىغا ياردەم بېرىپ، يېڭى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۇمشاق، قاتتىق ئۇل ئەسلىھەلەردىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە خەۋپىدىن ساقلىنىپ ۋە مۇداپىئەلىنىپ، سىستېما ۋە رايون خاراكتېرلىك خەۋپ يۈز بەرمەسلىككە قەتئىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى يەنىلا ئىسلاھاتتىن ئىبارەت. شۇڭا دۆلەت كارخانىلىرى، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق مۇھىم ساھە ۋە مۇھىم ھالقىلارنىڭ ئىسلاھات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتتا خەلقئاراغا نەزەر تاشلاپ، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ قەتئىي كېڭەيتىش كېرەك.

  قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي ئىقتىسادتا چىڭ تۇرۇشنى مۇھىم پىرىنسىپ قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان ۋە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرقانداق سۆز - ھەرىكەت سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىگە يات بولۇپ، ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بازارنىڭ بايلىقنى تەقسىملاشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، كىشىلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، مەركەز ۋە جايلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغىتىش، بولۇپمۇ كارخانىچىلار، يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرى، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئاكتىپچانلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى قوزغاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  كېلەر يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچى باشلىنىدىغان، شۇنداقلا قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان يىل. شۇڭا بۇ قېتىمقى يىغىندىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتتا تىرىشىپ يېڭى بۆسۈش قىلىپ، «13 - بەش يىل»لىق ئىقتىسادىي،ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ياخشى باشلىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر