باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى سىناق قىلىنغان ئىككى ئايدا چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانى 100 مىڭدىن ئاشتى

2015.12.22 13:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى سىناق قىلىنىپ ئىككى ئايدا چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانى 100 مىڭدىن ئاشتى!

  «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجىرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ يېڭىدىن بەرپا قىلغان، مۇلازىمەت ۋە مەسلىھەتنى بىر گەۋدە قىلغان يان تېلېفون ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، دۇنياۋى ئىلغار تېخنىكا قوللىنىلغان، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى بولۇپ «شەخسىي بۇيرۇتۇش» ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان خەۋەر تېرمىنالى ھېسابلىنىدۇ.

  «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى ئالاھىدە ئىستون ۋە ئاپتوماتىك ئۇچۇر توپلاش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۇچۇر توپلاپ، توپلىغان ئۇچۇرلارنى رەتلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تور ئۇچۇرلىرىغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ، ئۇچۇرلارنى توردا ئىستېرېئولۇق تارقىتىشنىڭ كەڭ يولىنى ئاچتى.

  «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى ئاممىغا يۈزلىنىپ، ئاساسىي قاتلام ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى، پۈتۈن كۈچى بىلەن «تۇرمۇش» ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ، تور ئەھلىنى تۈرلۈك مۇلازىمەت سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپ، ئابۇنىچىلارنى داۋالىنىش، قاتناش، تور، نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىش، ئالدىن كېلىشىپ نومۇر ئېلىش، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈرۈش، سۇ - توك ھەققى تاپشۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلاردىن بەھرىمەن قىلدى. «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنىڭ ئىقتىدارى تولۇق ھەم قولايلىق بولغاچقا، تور ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. تور ئەھلى ليۇ شىنچۈن كەنتكە چۈشكەن كادىر بولۇپ، ئۇ «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنى چۈشۈرۈۋالغان. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ئادەتتە تۈرلۈك خەۋەرلەرگە قىزىقىمەن، «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ئابۇنىچىلار تېرمىنالىدىكى مەزمۇنلار مول، ئۇچۇرلار ۋاقتىدا يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، ھەر قانداق ۋاقىت ۋە ھەر قانداق جايدا ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىمەن.

  «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنى چۈشۈرۈش مودىغا ئايلاندى. شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «9 - دېكابىر»نى خاتىرىلەش پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، بىر خىزمەتچى «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ئابۇنىچىلار تېرمىنالىدا ئېلان قىلىنغان «9 - دېكابىر»غا ئالاقىدار خەۋەرنى تىلغا ئالغاندا، ئىستۇدېنتلار بۇنىڭغا قىزىقىپ، بەس - بەستە بۇ تېرمىنالنى چۈشۈرۈۋالدى.

  ئىگىلىنىشىچە، «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ئابۇنىچلار تېرمىنالىنىڭ APPسى 2016 - يىلى يانۋارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا توردا ئىشلىتىلىشكە باشلايدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر