باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ يى دېيىشىۋالغان ۋاقىت بويىچە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بىلەن تېلېفونلاشتى

2015.12.22 13:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىپرۇستا زىيارەتتە بولۇۋاتقان دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىز ۋاڭ يى دېيىشىۋالغان ۋاقىت بويىچە20- دېكابىر ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بىلەن تېلېفونلاشتى.

  كېررى مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش قارارنى ماقۇللىدى. جۇڭگو بۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، ئىجابىي رول ئوينىدى. ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: بۇ قاراردا سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ يۆنىلىشى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، سۇرىيەنىڭ ئىستىقبالىنى سۇرىيە خەلقى ئۆزى بەلگىلىشى تەكىتلەندى، بۇ سۇرىيە مەسىلىسىنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى مۇساپىسىدا مۇھىم ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو بۇنى پۇرسەت بىلىپ، سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىگە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  كېررى ۋاڭ يىغا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، ھەمدە جۇڭگونىڭ بولۇپمۇ ئاراك رېئاكتورىنى ئۆزگەرتىش مەسىلىسىدە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى، ھەمدە جۇڭگونىڭ داۋاملىق قوللىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە دۇنيا ھەقىقەتەن تۈرلۈك يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسلارغا يولۇقماقتا. شۇڭا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىش ئۈستىدە ئىزدەنگەندە، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە ۋە زور كۆڭۈل بىلىدىغان مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك . ۋاڭ يى كېررىگە جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەن ۋە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى كەسكىن مەيدانىنى شەرھلىدى، ھەمدە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قۇرال سېتىپ بېرىشى ، ھەربىي پاراخوت ۋە ئايروپىلان ئەۋەتىپ جۇڭگونىڭ نەنشا تاقىم ئاراللىرىغا قوراللىق ئارىلىشىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

  كېررى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا جۇڭگونىڭ كۆڭۈل بىلىدىغان مەسىلىلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشنى خالايدۇ، ھەمدە بىرلا جۇڭگو بولۇش سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، ئامېرىكا جۇڭگو ئۇچ بىرلەشمە ئاخباراتىغا ئەمەل قىلىدۇ. ئامېرىكا، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان بارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگو بىلەن ئەستايىدىل پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق يۈزلىنىشنىڭ قوغداشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر