باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان يەتتە مەسىلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2015.12.22 13:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان يەتتە مەسىلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان. بۇ يەتتە مەسىلە تۆۋەندىكىچە:

  شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى جۇ بو ھۆكۈمەت پۇلىغا ئۆتكۈزۈلگەن زىياپەتكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  خۇنەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى جاڭ جيەنفېي ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش، زىياپەت ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللىگەنلىكى، قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىپ، ئالاقىدار خىراجەت ۋە قوبۇل قىلغان سوۋغات پۇلىنى تاپشۇرۇشقا بۇيرۇلدى.

  جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لى جيەن بەلگىلىمىگە خىلاپ گولف توپ ئوينىغانلىقى ئۈچۈن، پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىپ، ئىنتىزامغا خىلاپ ئېرىشكەن تاپاۋىتىنى تاپشۇرۇشقا بۇيرۇلدى.

  لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئورمانچىلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر لى باۋدې بەلگىلىمىگە خىلاپ توي-تۆكۈن ۋە نەزىر-چىراغ ئىشلىرىنى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىپ، ئىنتىزامغا خىلاپ قوبۇل قىلغان سوۋغات پۇلىنى تاپشۇرۇشقا بۇيرۇلدى.

  شەندۇڭ ئۆلكىسى بىڭجۇ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جۇ جىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ زىياپەتكە قاتنىشىپ، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  خۇبېي ئۆلكىلىك يەرلىك باج ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى دېڭ گوچياڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ زىياپەت، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى قاتارلىقلارغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىپ، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى، ئىنتىزامغا خىلاپ ئېرىشكەن تاپاۋىتىنى تاپشۇرۇشقا بۇيرۇلدى.

  فۇجيەن ئۆلكىسى ۋۇيىشەن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى لىن چۈنسۇڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ گولف توپ ئوينىغانلىقى ئۈچۈن، پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش جازاسى بېرىلدى، ئىنتىزامغا خىلاپ ئېرىشكەن تاپاۋىتىنى تاپشۇرۇشقا بۇيرۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر