باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يەكەن بادىمى ماركىسىنىڭ قىممىتى 7مىليارد 95مىليون يۈەن بولۇپ باھالاندى

2015.12.21 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ماركا قىممىتىنى باھالاشتا يەكەن بادىمى ماركىسى دەسلەپكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ( گۈل-گىياھنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تۈرىدىكى جۇغراپىيىلىك بەلگە مەھسۇلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن داڭلىق ماركا بولۇپ باھالاندى، ماركا كۈچلۈكلۈكى 854، ماركا قىممىتى 7مىليارد 95مىليون يۈەن بولدى، ھەمدە مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسى، خەلقئارا ماركا تورى ئارقىلىق پۈتۈن يەر شارىغا ئېلان قىلىندى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2012- يىلىدىن باشلاپ، دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى ھاۋالە قىلىپ جۇڭگو داڭلىق ماركا قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە - ئىقتىساد قانىلى، جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى، جۇڭگو مۈلۈك باھالاش جەمئىيىتى، جۇڭگو ئۆلچەملەشتۈرۈش تەتقىقات يۇرتى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ ، ئۇدا ئۈچ قېتىم ماركا باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش، مۇنبەر، سۆھبەت قاتارلىق پائالىيەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، ئېلىمىزنىڭ داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. ماركا قىممىتىنى باھالاشتا سانلىق مەلۇماتقا نومۇر قويۇش تۈزۈمىنى قوللىنىپ، ئۆزگەرمەس مۈلۈك، سۈپەت، مۇلازىمەت، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە شەكىلسىز مۈلۈكتىن ئىبارەت بەش تەرەپتتىن 21 دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىنى ئاساس قىلىپ، كۆپ دەۋرىيلىك نورمىدىن ئاشقان پايدا ئۇسۇلى ياكى ئۆرلىگەن باھا ئۇسسۇلىنى قوللىنىپ ئىلمىي باھا بېرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بارلىققا كەلگەن داڭلىق ماركا كۈچى كوئېففىتسېنتى ۋە ماركا قىممىتىنى پۈتۈن يەر شارىغا ئېلان قىلغان.(مەلىكەم)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر