باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىسلاھاتى توغرىسىدا كېڭىشىپ مۇھىم ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى

2015.12.21 13:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسىك تۈنۈگۈن سەھەردە بىريۇسسېلدا: ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى ئەنگلىيە ئوتتۇرىغا قويغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسلاھاتىنىڭ نىشانىنى 17-دېكابىر مۇزاكىرە قىلدى، ئالاقىدار كېڭىشىش مۇھىم ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بۇنى ھەل قىلىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە بىردەك قوشۇلدى، دېدى.

  ئىككى كۈن داۋاملاشقان ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ قىشلىق باشلىقلار يىغىنى 17-دېكابىر بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلدى. تۇسىك يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېدى: باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىسلاھات نىشانىنى كونكىرېت چۈشەندۈرۈپ، مۇساپىرلارنى تىزگىنلەش مەسىلىسىدە ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشەلىسەك، ئەنگلىيە باشقا ھەل قىلىش لايىھەلىرىنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ، دەپ تەكىتلىدى. ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بۇ ئىسلاھاتتىن ئەندىشە قىلسىمۇ، ئەمما يەنىلا مۇرەسسەلىشىش مۇمكىنچىلىكىنى ئىپادىلىدى، دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر