باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەقىقىي نام ئۇچۇرىنى ھەركەتچان باشقۇرۇش چارىسى يولغا قويۇلدى

2015.12.21 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:يېزا ئەمگەك كۈچى مەنبەسى ۋە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىگىلەش يېزىلارنى قاپلىغان ئەمگەك كۈچى بايلىقى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى « ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەقىقىي نام ئۇچۇرىنى ھەركەتچان باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»نى يولغا قويدى.

  « چارە » دە بەلگىلىگەن بويىچە، كەنت ( مەھەللە ) يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچىنى ئۇچۇر خادىملىرى ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش، تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇل ئارقىلىق شۇ رايوندىكى يېزا ئەمگەك كۈچلىرى ئۇچۇرلىرىنى توپلاش، تىزىملاش، كىرگۈزۈش ۋە ھەرىكەت ھالىتىنى يېڭىلاپ، يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ھەقىقىي نام تۈزۈمى ئۇچۇرى ئاساسى ھېساب دەپتىرىنى قۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى ھەقىقىي نام بىلەن تىزىملىتىش سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى ھاسىل قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئىدارىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى يېتەكچىلىكى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ساۋ يۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى ھەقىقىي نام بىلەن تىزىملىتىش دائىرىسى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئۆيدە دېھقانچىلىق قىلىش، باشقا جايغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرى، ئەڭ مۇھىمى شەھەر-بازار ۋە ئاپتونوم رايون سىرتىغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان خادىملارنى ھەقىقىي نام بىلەن تىزىملىتىش.

  ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، مەخسۇس سىتاتىستىكا قىلىش، كەسىپ بېجىرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قانات يايدۇرۇپ، تەخمىنەن 6مىليون 530مىڭ يېزا ئەمگەك كۈچى ئۇچۇرى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا كىرگۈزۈلگەن.(مەلىكەم)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر